سېغىندىم
ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى
تۈننى يالماپ يالغۇز ئولتۇرۇپ ،
سىنى ئويلاپ چىقتىم تاڭغىچە.
سېغىنىشقا بىرەرمۇ بەرداش ،
ئۇشبۇ يۈرەك ساڭا قانغۇچە .
قامال قىلدىڭ تۇيغۇ،سىزىمنى،
مەنلىكىمنى ئۇنتۇدۇم تۈگەل.
ئىھتىمالىم يازمىدى ھېچكىم ،
يارى ئۈچۈن مىنىڭدەك غەزەل .
ھەممە ئۇخلاپ كەتتى بۇ كېچە ،
جىمجىتلىققا بۇلۇپ ئەسىر ، قۇل .
مەشرەپ روھى كۆچتىمۇ ماڭا،
سىنىڭ تامان ئېلىنماقتا يول،
سېغىنىشلار ياغماقتا لەپ-لەپ،
دىكابىردا ياققان قار كەبى.
يۈركۈمگە سانچىلدىڭ گۈلۈم ،
خەنجەر بۇلۇپ شۇنچە ئەسەبى.
2017.4.1 كېچە
خۇتەن
ئېيىتقىنا مۇھەببەت زادى سەن نىمە
ئېيىتقىنا مۇھەببەت زادى سەن نىمە ؟
ئىشرەتخور ئادەمنىڭ ئېلانىمۇسەن.
ۋەياكى نەپ ئۈچۈن ئىپپەتنى ساتقان ،
غۇرۇرسىز ئازغۇننىڭ پىلانىمۇ سەن.
ئېيىتقىنا مۇھەببەت زادى سەن نىمە ؟
قىزلارنىڭ كۆيدۈرگۈ جامالىمۇ سەن،
ۋەياكى يارنى دەپ تاغ-داۋان كەچكەن،
ۋىسالسىز ئاشىقنىڭ زاۋالىمۇ سەن.
ئىيىتقىنا مۇھەببەت زادى سەن نىمە ؟
چاتاقچى جۇۋاننىڭ ئىستىكىمۇ سەن،
ۋەياكى يانالماي ئازاپقا تولغان ،
تۈندىكى چىراقنىڭ پىلىكىمۇ سەن.
ئېيىتقىنا مۇھەببەت زادى سەن نىمە ؟
چىن ئاشىق -مەشۇقنىڭ داۋاسىمۇ سەن .
ۋەياكى ئىشىقنىڭ چۆلىنى كەزگەن ،
مەشرەپنىڭ ئازاپلىق ساماسىمۇ سەن.
ئابدۇرېھىم ھەكىمىنىڭ شۇ ناملىق شېئىرىغا تەخمىس
2017.4.2خۇتەن
| 58 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-2 21:43:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|