مەن ياشاۋاتامدىم - يۈسۈپجان سايرامى

 مەن ياشاۋاتامدىم! ؟

يۈسۈپجان سايرامى  ( زىنھار  )

ھايات قىسمەتلىرىگە زارلانماي ،
دۈشمەنلەرگە خار بولماي .
يوللىرىمنى تار  قىلماي ،
مەن مەغرۇر ياشاۋاتامدىم .

*****         ***** 

شۇملۇق يىتىپ  كۈلكىگە ،
يىغا-زارلار كەلسە گەر .
كۈلۈپ قاراپ ھاياتقا ،
مەن ئۈمۈدۋار ياشاۋاتامدىم .

*****          *****   

كەلسە باشقا دەرت ئەلەم ،
ئىچىمگە يۈتۈپ يۈرىۋاتامدىم .
بىر خۇداغا ھال ئېيتىپ  ،
مەن سەبىر دەپ ياشاۋاتامدىم  .

*****        *****  

ساختا_راستلار ئارلىشىپ كەلسە ،
كۆزۈمنى ئېچىپ قاراۋاتامدىم  .
ھىيلە-مىكىرگە ئالدانماي  ،
ھەق يولدا ياشاۋاتامدىم .

*****            *****  

ئەجداد ئىزى قالدى نەدە ،
ماڭغان يولنى ئىزدەۋاتامدىم .
تېپۋالسام ئۇلارنىڭ ئىزىنى  ،
مەزمۇت دەسسەپ ياشاۋاتامدىم  .

*****           ***** 
بىر ناننى ئىككى  قىلىپ  ،
قېرىندىشمىغا يە دەپ بىرىۋاتامدىم  .
قەسىت قىلسا دۈشمەنلەر  ،
قالقان بولۇپ  ياشاۋاتامدىم .

*****           *****    

بالا-قازا  كۈرۈنۈپ  كەلمەس ،
ئەجەل ئوقى ئۆتمەي كەتمەس.
كەلسە تۇيۇقسىز ئېغىر مۇسبەت ،
ئۇ مىنى سىناۋاتىدۇ دەپ ياشاۋاتامدىم .

*****            ***** 

تۇرمۇش دىگەن شۇنداق ئىكەن ،
تۇر دەپ بەزىدە مۇش بىرەركەن .
شۇ بېسىمغا ئىزچىل چىداپ  ،
مەن ئاتامدەك  ياشاۋاتامدىم  .

*****             *****  

ئارزۇلىرىمنى قەلبىمگە پۈكۈپ ،
ۋاز كەچمەي ئىزدىنۋاتامدىم  .
ئۇتۇقلىرىمدىن مەغرۇرلانماي ،
مەن قەيسىرانە ياشاۋاتامدىم  .

*****          *****   

ئۇچامدىكى كونىراپ قاپتۇ دەپ ،
كىيمىمگە قاراپ قايغۇرۋاتامدىم  .
پۇتى يوقلار يۈرسە كەينىمدە  ،
مەن شۈكۈر دەپ ياشاۋاتامدىم  .

*****           ***** 

بىر دوستۇم  قىلسا يامانلىق  ،
خىيانەت قىلغاننى چۈشىنۋاتامدىم .
ئىتتەك قاۋاپ ھەيۋە قىلماي ،
مەن سۈكۈت قىلىپ ياشاۋاتامدىم.

2016_يىل 10-ئاينىڭ9-كۈنى ( كەچ )
##ئاپتور ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
     





167 قېتىم كۆرۈلدى zinhar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-20 10:33:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-21 22:00:50 زەھرا
ياخشى چىقىپتۇ.قۇلىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن قېرىندىشىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ