چالما تامدا دادام كۆرۈنمەس
ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئەزىزى
ئايمۇ ئۆتتى، يىلمۇ ئۆتتى ،
ھارۋىسىدا دادام كۆرۈنمەس .
ھېيىت كەلدى غېرىپلىق يەتتى ،
چالما تامدا دادام كۆرۈنمەس .
مۇڭ باسقان ئۆيى قاپتۇ ،
پىشايۋانلار چەلگىسى قاپتۇ،
تامغا ئىلىكىلك تۇمىقى قاپتۇ ،
چالما تامدا دادام كۆرۈنمەس .
توپا باسقان كىگىزى قاپتۇ،
دەستىلەنگەن چوت كەتمەن قاپتۇ،
توپا بېسىپ غېرىپلىق ئاپتۇ ،
چالما تامدا دادام كۆرۈنمەس .
قاراپ باقسام تۇققانلىرىڭ بار ،
دەمەتلىكىڭ تەڭتۈشلۈرۈڭ بار ،
بىللە كەتكەن ئارزۇلىرىڭ بار ،
چالما تامدا دادام كۆرۈنمەس .
بالا ئۈچۈن ياشىغىنىڭ قاپتۇ ،
شۇ ياندۇرغان چىراغىڭ قاپتۇ ،
غېرىپ قەبرەڭ نەشپۈتۈڭ قاپتۇ ،
چالما تامدا دادام كۆرۈنمەس.
| 75 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇۋەلى ئەزىزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-1 22:37:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|