جۇدالىق زارى (شېئىر) - رىزۋانگۈل

 جۇدالىق زارى
رىزۋانگۈل (مودەن)


قىيالماي ئەزىزىم خوش دىدىم ئاستا،
چىھرىمدە تەبەسسۇم كۆزلۈرۈم ياشتا.
تىلغاندى ئاھ!يۈرەك ھىجراندا ئەجەپ،
جۇدالىق  قۇشلىرى ئەگىيدۇ باشتا.
……،،،،،
پەرىشان بۇ كۆڭلۈم چىكەر ئىزتىراپ،
ئۆتەرمۇ كۈنلىرىم سەنسىز مۇڭسىراپ.
تەلمۇرسە جۈپ كۆزلەر يۈللۈرۈڭ تامان،
قالارمۇ تاپالماي سېنى ،ياتسىراپ؟.
……،،،،،
ئاچچىق ياش ئەگىدى كۆزلەردىن شۇ تاپ،
 ئاھ،ئەجەپ قىينىدى قەلبىمنى ئازاپ،
جىسمىمدا قالمىدى تىنغۇدەك دەرمان,
سوقۇشتىن بۇ يۈرەك قالغاندەك توختاپ .


2017-يىل 12-مارىت مايتاغ
     





64 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-13 20:46:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ