ئۆيلىنىش بەك تەس ئىكەن
ئاپتۇرى:تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»
ئالاي دىسەم بىر قىزنى تويلۇقلىرى ئېغىركەن،
قىلماي دىسەم بۇ توينى بويتاقچىلىق يامانكەن.
ئالمىسام ھەم تويلۇقنى ماڭا ھەرگىز تەگمەسكەن
ھازىرقى بۇ جەمىيەتتە ئۆيلىنىش بەك تەس ئىكەن.
قىز بولسا ياتلىق قىلىپ ئوغۇل بولسا ئۆيلەركەن،
ئەل مىساقتىن تارتىپلا بىزگە بۇ ئىش پەرز ئىكەن.
پۇل بولمىسا دادىلار قىزلىرىنى بەرمەسكەن،
بۇ زاماندا ئوغۇللارنىڭ ئۆيلەنمىكى تەس ئىكەن.
قىز بەختىنى تىلىمەي مال مۈلۈككە ساتاركەن،
بۇنداق ئاتا ئانىلار رەت رېتدا تۇراركەن .
دادىلارغا خىتابىم بۇ نىيتىدىن يانسىكەن،
مىسكىن ،يىتىم يىگىتنىڭ ئۆيلەنمىكى تەس ئىكەن .
2016.10.31
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
ئاپتۇر ئۈندىدار 194220673
145 قېتىم كۆرۈلدى | ihbali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-1 21:21:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|