ھېيىتتىكى ياش
ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى
ھېيىت تەنتەنىسى قېلىپ نەلەردە،
تۇپراق بېشىدا تۈكۈلىدۇ ياش،
ھېيىتنىڭ تۇنجى كۈنىدە،
قەلىپلەرگە پاتمايدۇ ھەسرەت،
تالاي ئۆيدە ،ھويلا-كەپىدە
دىمىقىغا يىغسا ئاچچىقنى
يىغىۋىرىپ پاتمىسا يىغا،
تامىقىغا يىغلار بەزىدە....
ھەي ....
بولغان بولسا ئاشۇ رەھمەتلىك....
دەپ باشلىنار گەپنىڭ بېشىمۇ،
ئا توختىسا بۇنىڭ ئاغزىدا
بۇ توختىسا ئۇنىڭ ئاغزىدا
رەھمەتلىكنىڭ سۈپىتى بايان،
ھېيتنىڭ خوشاللىغى نە قايان؟
مۇزلاپ كىتەر چاي ھەم ئېشىمۇ....
ھېيىتلىغىنى داڭلىشىپ
كىچىك باللا چۇرقىراشقاندا
ئاڭلىنىدۇ بىرەسىدىن:
-بوۋام بولغان بوسا مانچە بۇلاتتى،
-مومام بەرگەن بوسا مانچە بۇلاتتى،
شۇنىڭ بىلەن يەنە باشلىنار،
يىغا ئارلاش كەيپىيات تۈكۈلەر.
كۆزلەرنىڭ ئاجىرىغان گىرەسىدىن....
ھەر ھېيىتتا شۇنداق،
ئايەم شادلىقىغا چۆمگەندە ھەممە،
مۇسىبەتلىك ئۆيلەردىن پۇرايدۇيىغا.
قانداق قىلىمىز،
كەلمىگى باركەن كەتمىگىمۇ ھەم
تېتىماق ئەڭ تەسى ئۈلۈمدىكى تەم...
بىزمۇ كىتىمىز،
ھەمرا بۇلاركەن پەقەتلا دۇئا.....
2016-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
ئاقسۇ
26 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-6 4:23:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|