دادا يېشىڭ ئەللىككە ئۇلاشتىمۇ

دادا يېشىڭ ئەللىككە ئۇلاشتىمۇ


فەرۇق ئۇدۇنى


‏يۇلتۇز كەبى چاقناق كۆزۈڭ تورلاشتىمۇ!؟

‏مېھىر بىلەن يانغان يۈزۈڭ قولاشتىمۇ!؟ ‏

قىرانلىقتا باسقان ئىزىڭ دۇغلاشتىمۇ!؟

‏دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟


‏ ‏ئەللىك يازنىڭ تومۇزىغا بېشىڭ ئەگمەي،

‏ئەللىك قىشنىڭ جۇدۇنىغا ھېچ تەن بەرمەي،

‏ئەللىك باھارنىڭ پەيزىنى بىر سۈرەلمەي،

‏دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟

‏ھاياتىڭدا بارلىقىڭنى بىزگە ئاتاپ، ‏

جاپالاردا چىشىڭ چىشلەپ قالماي ۋايساپ، ‏

ياخشىلىقتا جان بالام دەپ بىزنى ئويلاپ، ‏

دادا يېشىڭ ئەللىككىمۇ ئۇلاشتىمۇ!!؟؟

‏يىللار ئۆتتۈڭ ناھەقلىككە قۇربان بولۇپ،

‏نۇر ئىشقىدا يانغاچ قەلبىڭ ۋولقان بولۇپ،

‏قىرانلىقىڭ كەتتى شۇنداق خازان بولۇپ،

‏دادا شۇنداق قەلب گۈلۈڭ سولاشتىمۇ!!؟؟

‏ئۆتتۈڭ شۇنداق ۋىژدانىڭنى خاقان قىلىپ،

‏ھاياتىڭغا ئىيمانىڭنى مىيزان قىلىپ،

‏ئازابىڭغا گۈزەل سەبىر غەمخان قىلىپ، ‏

دادا سەبىر كۆچىتىڭ چېچەك ئاچتىمۇ!!؟؟

‏‏********************************


‏تەنتەكلىكتە قويسام سۆزۈڭ ئاڭلىماي، ‏

چۈشەندۈردۈڭ ھارماي تالماي قاقشىماي، ‏

چۈشەندىمغۇ...ئەمدى مېنى ساقلىماي،

‏دادا يېشىڭ ئەللىككە ئۇلاشتىمۇ!!؟؟ ‏


‏نە بۇ ۋاقىت نېچۈن ئۆتەر شۇنچە تىز،

‏قالدۇرۇپتۇ يۈزلەرىڭدە يول يول ئىز،

‏شۇ ئىزلارغا سەۋەبچىمۇ يەنە بىز ، ‏

دادا ئىزلار يۈزلىرىڭگە ياراشتىمۇ!!؟؟

‏نېچۈن دادا شۇنچە ھارغىن يۈزلەرىڭ،

‏نېچۈن دادا شۇنچە غەمكىن كۆزلەرىڭ، ‏

بىلدىم دادا ھېكمەت ئىكەن سۆزلەرىڭ، ‏

دادا يىللار ساڭا تەتۈر قاراشتىمۇ!!؟؟

‏رازى بولغىن دادا نادان ئوغلۇڭدىن،

‏گۈللەر ئۈنسۇن دۇئا قىلغان قولۇڭدىن،

‏ھېچ قايتماسمەن سېنىڭ ماڭغان يولۇڭدىن،

‏دادا يېشىم ئەللىككە ئۇلاشسىمۇ!!؟؟ ‏


‏2015.7.7

‏نادان ئوغلۇڭدىن رازى بول جېنىم دادا!!! ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏





139 قېتىم كۆرۈلدى فەرۇق ئۇدۇنى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 1:38:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ