ئىچىمدىكى ئاۋاز

  ئىچىمدىن چىققان ئاۋاز

قۇلاق تۈۋۈمدە
كونا بىر ئاۋاز،
قاردىن كەلگەن
قارادىن-قارا.
قاردىن سوغوق.
ئازاپلىق يىللارنىڭ قايتىلىنىشى
قايتلانغان ئۈسۈملۈكنىڭ ئۆسمەسلىكى.
ئىستەك سەپرىدە
گۈزەل قۇشنىڭ قان رەڭ بۇلشى.

قۇلاق تۈۋۈمدە
كونا بىر ئاۋاز،
يارلانغان يىرىتقۇچنىڭ نالسى
يېرىپ ئۆتەر ھايتىم سىزىقلىرىنى.
غىچىرلاپ ماڭغان كۆتەك ھارۋىسى
بالىلىقىمنى ئىلىپ ماڭغاندەك،
ئىنجىقلايدۇ ئاۋاز يامغۇرى.
كونا ھكايىنىڭ يېڭى ئسمى
ئالماشتۇرۇپ قويدى چۇقۇم
يىتىمسىراپ قالغان بىر قىشنى...

قۇلاق تۈۋۈمگە بىر ئاۋاز
ئىس-تۈتەكتەك كۈتۈرىلمەكتە

ئىچىمدىكى «يۈزۈم»شەلپەر-شەلپەر
نەپسىم تاقاشتى تاغلارغا.
ئىچىمدىكى«يۈزۈم»شەلپەر-شەلپەر،
سىنى سۈيۈشىم يىتەر دۇنياغا
كۆزلىرىم سۆيگۈنىڭ چەكسىز ئورمىنى
مىسكىنلىك ئالدىدى
پۇرۇلداپ ئۇچقان قۇشلار تۇپىنى

قۇلاق تۈۋۈمگە،
ئىچىمدىن چىقىپ بىر ئاۋاز
چەكسەز غېرىپلىققا باشلاپ كەتمەكتە مىنى....
2015-11-12-كۈنى
     





56 قېتىم كۆرۈلدى mssran ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 22:25:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ