ۋاي ئىسىت
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى
يار ئىشقىڭدا قان زەرداپ يۈتۈپتىمەن ۋاي ئىسىت،
كۆپ مۇشەققەت ئىلكىدە كۈتۈپتىمەن ۋاي ئىسىت.
سۆيدۈم دىسەڭ ئىشىنىپ، ساڭا ئاتاپ سۆيدى دەپ،
مۇھەببەتلىك گۈلدەستە تىزىپتىمەن ۋاي ئىسىت.
ئۇل نىگارىڭ قانداق دەپ گەر سورالسا مىنىڭدىن،
ئۇ،ئالەمدە يەكتا دەپ يۈرۈپتىمەن ۋاي ئىست.
بىرىپ بارچە سۆيگۈمنى پەخىرلىنىپ سىنىڭدىن،
ھاياتىمدىن ھەم ئەزىز كۆرۈپتىمەن ۋاي ئىسىت.
ھىجرانىڭدا مەجروھلۇق چىرمىسىمۇ جىسمىمنى،
سۆيگۈ ئۈچۈن دەشتى چۆل كىزىپتىمەن ۋاي ئىسىت.
بەرسەڭ تالاي ئەھدىلەر،سەۋدا قىلىپ دىلىمنى،
سۆزلىرىڭنى چىن نەھۋە بىلىپتىمەن ۋاي ئىسىت.
مىھىر ئىزدەپ دىلىڭدىن بەزلەپ ئۆزۆم باغرىنى،
خەنجەر كەبى ئەلەمدە تىلىپتىمەن ۋاي ئىسىت.
شامۇ-سەھەر سىغىنىپ خەۋرىڭ سوراپ بۇلبۇلدىن،
تەشۋىش بىرلە غىمىڭگە تولوپتىمەن ۋاي ئىسىت.
دىدارىڭغا زار بولوپ كىچە-كۈندۈز تەلمۈرۈپ،
مىڭ پىراققا موپتىلا بولوپتىمەن ۋاي ئىسىت.
سەدپارىدۇر يۈرۈگۈم بەس پىشانەم شۇمىكىن،
سەن بىۋاپا ناداننى سۆيۆپتىمەن ۋاي ئىسىت.
غىرىپ مىسكىن بۇ ھالىم كىمگە بايان ئەيلەيىن،
گۈلخان كەبى ئوتوڭدا كۆيۆپتىمەن ۋاي ئىسىت.
نىھالدىمەن ئەي جانان سەن ئۇنىڭدىن بىخەۋەر
سىنى سۆيۆپ ئەقلىمدىن ئىزىپتىمەن ۋاي ئىسىت.
بىلمەپتىمەن ئەسلىڭنى قەلىب كۆزۆم كور ئىكەن،
زاھىتلەرچە ۋەسلىڭنى تىلەپتىمەن ۋاي ئىسىت.
2015-3-1-كۈنى شەرئى
60 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-26 16:10:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|