قوي مەيلىگە (شېئىر)
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن
بوغۇلسا قاناتلىرى يوقۇتار قۇش خاسلىقىنى،
تېڭىلسا كۆيۈشمگەن يوقۇتار جۈپ ياشلىقىنى.
كىمگە كۆيسە قويۇپ بەر ياشنىسۇن قەلىب،
زورىغا تۇنجۇقسا يۇقۇتار ياش شاشلىقىنىى.
گادايغا قىشتىمۇ ئۆزىنىڭ ئەۋزەل جەندىسى،
شۇ كېسەك ئۆي ئۇلارنىڭ بايلىق خەزىنىسى.
ياتالماس راھەت ئۆزگە سالغان كۆرپە ئۈستدە،
مەيلىگە قوي بۇ شۇنداق تۇرمۇش ئەندىزىسى.
يۇلغۇن قىزارماس پورەكلەپ سەيلىگاھ-باغدا،
چىمەنلەردە كۆكلىگەن توغراق قالماسمۇ داغدا.
بېرىۋەت جاڭگالنى ئۆزىگە ئوينىسۇن بۇغا-مارال،
ھەممە شاھ بۇلغاي مەجبۇرلاش قالمغان چاغدا.
بېقىلىپ قەپەزدە شىر يېسىمۇ كۈندە لوق-لوق،
ئەمما بۇسۇقتىكى ئىتچە ئۇندا خىسلەت يوق.
دەيدۇ كونلار:”باغلاقلىق ئىت يارىماس ئوۋغا“
قامچىلاپ ماڭدۇرۇلغان ھەتتا ئىشەكتىنمۇ قورق.
زورلانسا ئەسكەر جەڭدە ئارقىغا ئاتار ئوقنى،
ئۆتەر ئاتاكىغا ئۆز بارگاھىغا قۇيۇپ ئوتنى.
تۇرمۇش بەئەينى كەسكىن جەڭلەردىن مىسال،
قوي مەيلىگە تاڭمىغىن ئۆزۈڭنڭ خىيال-ئويىنى.
2016.12.23
95 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-24 1:52:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|