بەزىلەر (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 بەزىلەر
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تالەي قونسا بېشىڭغا،
ئۇچۇپ كىلەر ھەممىسى،
ئاپەت كەلسە تۇيۇقسىز،
ياتسىرايدۇ ھەممىسى.

كىلەر ئىكەن غېرىپتەك،
ئىچلىرىمنى ئاغرىتىپ،
خۇددى قۇيۇن،بوراندەك،
كېتەر ئىكەن كۈلدۈرۈپ.

نۇمۇس يوقمۇ ئۇلاردا،
ئۇنۇتتىغۇ ئەسلىنى،
ئىزدەپ كىلىپ ئۆيۈڭگە،
دوست بولايلى دېگەننى.

ياڭاق چېقىپ باققانغۇ،
ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە،
يامغۇر ياغسا كەتتىڭمۇ،
ۋېجدان يوقمۇ سېنىڭدە.

كۈلۈپ قويدۇم ئۇلارغا،
يەنە چىقار قۇياشلار،
ئازاپ قىلما دىلىمغا،
مەيدانى يوق ھەي دوستلار.

كېتىڭ ئەمدى يىراقلاپ،
يەنە كۈلۈپ كەلمىگىن،
كۆرۈپ قالسا بىراۋلار،
نۇمۇس قىلىپ ئۆلمىگىن.
     





69 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 18:51:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ