خەيـــــــــىر دەتلېرىم
ئۇيغۇربـــــېــــــك
بالىلىق غۇبارسىز قايتقۇم بار يەنە،
بىغۇبار شۇ دەمدە يوق ئىكەن تەنە.
ئەمدىكى ھاياتىم گويا توختام سۇ،
قالمىدى كۈنۈمدە نە كۈلكە مەنە.
خۇشاللىق ھەر دائىم چۈشلېرىم كەبى،
رېئاللىق ئەمەسكەن قىلچىلىك سەبىي.
ھەربەرگەن شاتلىقى قايغۇغا يەمچۈك،
بولمىدى ھېچقاچان كۈلكىلەر تەبىي.
ئۈتۈپمۇ كىتەر دەپ نى كۈنلەر كۆردۈم،
پەلەكنىڭ چاقچىقى«پەيزىنى» سۈردۈم
قىسمىتىم كۈلسىمۇ ئۈستۈمدىن قانچە،
ياش تۆكۈپ تۇرۇپمەن ئامالسىز كۈلدۈم
ئايىغىم ئاستىدا بار نى-نى تىكەن.
ئۆزگىلەر يولىدا ئۈنىدۇ چىمەن.
ھەيرانمەن ئىنسانلار كۈلىدۇ غەمسىز،
نېمىگە مىنىڭلا قەلبىمدە كىشەن .
* * *
ئويلايمەن بالىلىق چېغىمغا قايتسام،
ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتسام،
مۇڭ قىلىپ دەردىمنى ئېيتىپ بىرمۇ بىر،
مۇزلىغان قەلبىمگە تەسەللىي تاپسام.
ۋەلىكىن ھاياتىم ئۆتكىنى ئۆتكەن،
قايتمايدۇ ئارقىغا يۈتكىنى يۈتكەن،
چۈنكى جان ئامانەت قايتىمەن بىر كۈن،
قەبرىستان جىسمىمنى كۈتكىنى كۈتكەن
ئەزرائىل ئېپ قاچسا بىر كۈنى ئالداپ،
دەتلېرىم قالىدۇ دۇنيادا قىيداپ،
ھەر سەھەر ئەينەككە كۈلىمەن لىكىن،
ياشايمەن شۇ كۈنلەر كەلگۈچە چىداپ.
خەيرى-خوش دەتلېرىم قېلىڭلار ئەمدى،
پايدا يوق مىنىڭدە قېچىڭلار ئەمدى،
بۇ قەلەم ئاشۇنداق ۋاپاسىز قەلەم ،
خەيرى خوش باشقىنى تېپىڭلارئەمدى .
57 قېتىم كۆرۈلدى | uyghurbek | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-17 19:09:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|