سۆيگۈ شۇنداق قىسمەتكە تولغان (شېئىر)- كىرەمجان

سۆيگۈ شۇنداق قىسمەتكە تولغان

 (شېئىر)

 كىرەمجان


گاھ كۈلىسەن، گاھى زارلايسەن،
گاھ ئادىشىپ، كۆزنى ياشلايسەن.
سۆيگۈ شۇنداق تەۋەككۈلچىلىك،
يۈرۈگۈڭنى ئۆزۈڭ خارلايسەن.

سۆيۈلگەندە نۇرلۇق چىراغسەن،
سۆيۈلمىسەڭ دەرتلىك پىراقسەن.
سۆيگۈ دىگەن شۇنداق رەھىمسىز،
قەلبىڭ يىغلار كۈلۈپ چىدايسەن.

سۆيگۈ شۇنداق قىسمەتكە تولغان،
ھىكمىتى بار زۇلمەتكە تولغان.
سۆيگۈ شۇنداق خىسلەتكە تولغان،
جەننىتى بار مىھنەتكە تولغان.
     





43 قېتىم كۆرۈلدى kiramjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 5:54:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-3 4:13:49 كىرەمجان
ئاپتۇر ئۈندىدارى—kiram177
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ