مەكتىپىم
جۇشقۇن ھۇشۇر
مەرىپەتنىڭ قوينىدا قەد كۆتۈرگەن مەكتىپىم ،
نادانلىقنىڭ ئۇلىنى بەك ئۆچۈرگەن مەكتىپىم .
بىلىم بىلەن يۇرۇتۇپ زۇلمەت بولغان ئالەمنى ،
تەرەقىيات يولىنى زەپ پۈتتۈرگەن مەكتىپىم .
چوڭ قىلىپ ئۇ قوينىدا نۇرغۇن كىچىك سەبىينى ،
بىلىم بېرىش بىلەن بىر چاغ ئۈزۈلدۈرمەي تەربىينى .
ئويلار ھەرچاغ ياراملىق قىلىپ چىقىش ھەربىرنى،
بىلىملەرنىڭ گۈلزارى بەك گۈزەلدۇر مەكتىپىم .
گۈزەللىكتە ئالدىدا قۇرۇپ كېتەر نى باغلار ،
ھەيۋىتىدە باش ئېگەر يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ھەم تاغلار .
ئۇنتۇلمايدۇ يۈرەكتە مەكتەپتە ئۆتكەن شۇ چاغلار ،
ئىسىىق مېھرى بىلەن ھەرچاغ ئەستىن چىقماس مەكتىپىم .
پۇچىلاندى يۈرەك شۇنچە ئايرىلىشقا ئامالسىز ،
ئېچىنىشلىق ياشلارنى تۆكۈپ قالدى قارا كۆز .
بىرگە بولغاچ ئۇزۇن يىل بۇلۇپ قالغان ھەممە ئۆز،
كېتەر چاغدا مەن ساڭا چىدالمىدىم مەكتىپىم .
تەربىيلىگىن داۋاملىق يەنە نوتا باللارنى ،
كەتتى يىراق بىزنى دەپ ئاققۇزمىغىن ياشلارنى .
سېنى پۈتتۈرۈپ چىققانلار كۆتۈرۈپ يۈرسۇن باشلارنى،
ئالغا باسقىن داۋاملىق ياشنا گۈللە مەكتىپىم .
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى
كېچە سائەت 11:39
| 27 قېتىم كۆرۈلدى | xakiqik | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-10 17:53:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|