سۆيۈپ قالساڭ مىنى كىتابسىز سۆيمە
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
كىتابسىز ئۆي گۈل يوق باغ كەبى ،
بۇ باغدا قۇشلارمۇ سايرىماس تېخى.
گىياھلار قۇرۇپ گەر ئۈنمەيدۇ بىخى ،
سۆيۈپ قالساڭ مىنى كىتابسىز سۆيمە.
كىتابسىز ئۆي يۇلتۇز كەبى چاقنىماس ،
يۈرەكمۇ ھەر كۈنى خوشال يايرىماس .
ئەقىللىق بىر ئىنسان بۇنى تاللىماس ،
سۆيۈپ قالساڭ مىنى كىتابسىز سۆيمە .
نىشانسىز يۈرمەيسەن كىتاب ئوقۇساڭ ،
چۈشكۈنلۈك قاپلىماس كىتاب ئوقۇساڭ.
ئۈمۈدۈڭ ياشنايدۇ كىتاب ئوقۇساڭ ،
سۆيۈپ قالساڭ مىنى كىتابسىز سۆيمە.
كىتاب ئۇقۇساڭ قەلىبكە داۋا ،
نۇرلىنىپ يۈرەكلەر قىلىدۇ ناۋا.
خار قىلغان ۋە لېكىن بەختسىز قالا ،
سۆيۈپ قالساڭ مىنى كىتابسىز سۆيمە.
كىتاب ئۇقۇغاننىڭ روھى پاكلىنار ،
ۋىسالغا يەتكۈزۈپ غەمدىن قۇتۇلار.
ياخشىلىق ھەمراھدۇر گۇناھتىن ساقلىنار،
سۆيۈپ قالساڭ مىنى كىتابسىز سۆيمە .
كىتابنى سۆيگىن ئاۋال قەلىبلەر كۈلسۇن ،
كىتابنى سۆيگەن ھەركىم شۇنچە سۆيۈلسۇن.
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشكە نىسىپ قىلسۇن ،
سۆيۈپ قالساڭ مىنى كىتابسىز سۆيمە .
ئازابىڭنىڭ كۆپ بولۇشى دەل بۈگۈن قولۇڭغا كىتابىڭنى ئالمىغانلىقىڭدىندۇر
2016-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ( كېچە )
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 87 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-6 23:57:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|