ئادەملىرىڭ يالغانكەن - ئابدىراھمان ھېكىم

  ——ئادەملىرىڭ يالغانكەن——

🎄ئابدىراھمان ھېكىم🌹🎄 ئىشەنىچ🌹

بۇ دۇنيادا ئۆزىنى مەن ئادەم دەپ يۈرگەن ئىكەن،
ئالداپ يۈرۈپ بۇ كۈڭۈلنى ئالغان بىلەن،
ئككى دۇنيالىق دوستۇم دەپ قەسەم ئىچكەن،
ئەسلى شۇنداق تىگىدىن ئىنسانلىقتىن كەچكەن،

ئىچ سىرىمنى دەپ ھەر دائىم غېمىنى يەپتىمەن،
سىنى شۇنداق ئۆز كۆرىمەن دىگەنلىرى يالغانكەن،
باشقا كەلگەن ھەر-بىر دەرتنى تەڭ تاتامىز دەپتىمەن،
ماختاشلىرى مەخسەتلىك يالغان سۆيگۈ بەرگەنكەن،

بىلمەپتمەن ئالدىشنى ساختىپەزگە ئۇچراپ،
ئايرىلمايلى مەڭگۈلۈك دىگەنلىرى يالغانكەن،
بىلسەم يەنە چاندۇرماستىن خەنجىرىنى بىلەپتۇ،
ئەمدىلىكتە مەقسىدىگە يەتكەندە چانغانكەن،

داڭلاپتىمەن شۇنداق بىر كىشىم با دەپ،
شۇنچە قىپمۇ ئۆزەم ئۇنۇڭدىن  ئازار يەپ،
قېرىندىشىم دەپ بىلىپ ئۆزگۈدىن چوڭ كۆرۈپ،
مەن ئۈچۈن قىلغانلىرى ھىلە ئىكەن داڭلاپ يۈرۈپ،

ھېزى بۇلۇپ دوست تۇتقاندا بەك تاللا،
گۈزەل ۋەدە بەرسىمۇ ئەمەليەتكە  قارا ،
ئالدىرمىغىن چاۋاققا تۈگۈمىسە ئېيتقان ناخشىسى،
سەبىر بىلەن كۈتۈپ تۇر ئۇچراپ قالار ساڭا ھامان ياخشىسى،


2016-يىل9-ئاينىڭ26-كۈنى  كۇچا

506838927  

     





65 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 15:12:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ