بىلىسەن شۇندىلا ئادەملىكىڭنى
ئابدۇۋارىس ئوسمان
ئىككى كۆزۇڭ ھەقنى كۆرەلىگەندە ،
لەۋلىرىڭ ھەقنى سۆزلىيەلىگەندە .
مەيدە كېرىپ خەلقىم دىيەلىگەندە ،
بىلىسەن شۇندىلا ئادەملىكىڭنى .
شەھۋەتكە ئالدىنىپ ئازمىغىنىڭدا ،
ھەۋەسكە بېرىلىپ قالمىغىنىڭدا .
ئاچا سىڭىل قىزنى بۇزمىغىنىڭدا ،
بىلىسەن شۇندىلا ئادەملىكىڭنى .
بۇدۇنياغامەن مېھمان دىگىنىڭدە ،
ساۋاپلىقتا ئالدىراش يۈرگىنىڭدە .
بۇ دۇنيانى توغرا چۈشەنگىنىڭدە ،
بىلىسەن شۇندىلا ئادەملىكىڭنى .
خاتا باسقان يولۇڭدىن يانغىنىڭدا ،
تۆۋە قىلىپ پۇشايمان قىلغىنىڭدا .
توغرا يولدىن يولۇڭنى تاپقىنىڭدا ،
بىلىسەن شۇندىلا ئادەملىكىڭنى .
كىتاپنىڭ ئېسىلىنى تاپقىنىڭدا ،
كىتاپقا ئۆزەڭنى ئاتىغىنىڭدا .
كىتاپ بىلەن دائىم دوسلاشقىنىڭدا ،
بىلىسەن شۇندىلا ئادەملىكىڭنى .
| 184 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-21 21:12:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|