يېتەر
ئابدۇسالام (مۇستاپا)
تۇغۇلۇپ دۇنياغا ياشىدۇق يېتەر،
ئۆمۈرنى ئوتلاردا كۆيدۈردۇق يېتەر،
غەپلەتتە ئۇيقۇدىن نېرى بولالماي ،
ئاغرىنىپ ياشىدۇق دۇنيادىن يېتەر،
ئەرلىرى سىرتلاردا ئۇيۇننىڭ ئالدى،
ئايالى بىسوراق ئېسىل ياساندى،
ھەق سۆزلەر قۇلاققا خۇش ياقماس بولدى،
ئۆيلەردە بالىلار تەنھا بەس يېتەر،
ئىشرەتتىن قول ئۈزمەس قىران ياشلىرى ،
ھۆرمەتتىن ئەسەر يوق ئەگمەس باشلىرى ،
چەتنىگەن ھايادىن كوچىدا ئاتار قاشلىرى ،
پەزىلەت شەنىگە داغ يەتتى يېتەر،
بۇ شاللاق ئەخلاقنى سىڭدۈرۈپ ياشاپ،
ئۇيالماي دۇنيادىن ئاغرىنىپ قاقشاپ ،
تەغدىر دەپ ھاياتنى ئەجەلگە باشلاپ ،
تارتىنماي گۇناھتىن ياشىدىڭ يېتەر،
ئاتا ئانا سەرسان ياشاپ تەلمۈرۈپ،
ئەلەم دەردىدىن باقمىدى كۈلۈپ،
پەرزەنت دەپ ئىشقىڭدا كۆيۈپ ،
يۈرسە بىلمەي خارلىدىڭ يېتەر،
| 33 قېتىم كۆرۈلدى | mustafa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-5-14 16:21:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|