تاقەت قالمىدى
دىلزات ئابدۇماناپ (ئەركە )
كۈندە نادان يۈرۈشلەرگە تاقەت قالمىدى ،
شېرىن خىيال سۈرۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
تالاي ۋاقىت باستى غەپلەت تۇمىنى، ئەمدى ،
نىشانسىز يول يۈرۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
ئويۇن دىسە بېرىپ كەلدۇق ھەممىنى يەنە ،
(ئاق )تىن ھۇزۇر سۈرۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
ساۋاتسىزلىق ئۇدۇم ئەمەس بىزدەك مىللەتكە ،
نادانلىقتا ئۆتۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
كۈتتۇق كۆككە ئۇچۇشلارنى،ئەجىر قىلمىدۇق،
يەنە شۇنداق كۈتۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
خۇددى غىل -پال يېنىپ تۇرغان جىنچىراغ كەبى،
بېر يېنىپلا ئۆچۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
غەپلەت دىگەن تېگى يوق چوڭقۇر بىر دېڭىز،
شۇ دېڭىزغا چۆكۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
كۆنۈپ كەتتۇق تاغدەك جاپا -جەۋرىگە يەنە ،
مەسخىرىلىك كۈلۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
9 ئاشىق -مەشۇق بولۇپ قويۇق ئىسنىڭ ئىچىدە ،
تاماكىنى سۆيۈشلەرگە تاقەت قالمىدى . 10
ساۋاتسىز بىز !ھەق گەپنى يازغىن قەلىمىم ،
چۈنكى، تىرىك ئۆلۈشلەرگە تاقەت قالمىدى .
2015.12.14
| 184 قېتىم كۆرۈلدى | delzat8 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-17 0:52:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|