شېئىر بولۇپ يېزىلسام ساڭا

شېئىر بولۇپ يېزىلسام ساڭا


شېرىن خىيال بېتىنى ئېچىپ،

شېئىر بولۇپ يېزىلسام ساڭا.

ئاقار دەريا دولقۇنلىرىدەك،

ئۆركەش بولۇپ قۇيۇلسام ساڭا.

 

مىسراسىدا مۇھەببەت بولۇپ،

شېئىر بولۇپ يېزىلسام ساڭا.

بۇژغۇن بولۇپ بۇلاقلىرىڭنىڭ،

فونتان بولۇپ ئېتىلسام ساڭا.

 

قىراۋ چۈشكەن زىمىستاندىمۇ،

شېئىر بولۇپ يېزىلسام ساڭا.

قارلىق تاغدا چوغدەك ئېچىلغان،

قار-لەيلەڭدەك تىكىلسەم ساڭا.


kar-laylisi(مەرھابا باغۋەن)





193 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 12:51:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ