ھايات ھېكمىتى - ناخشا تىكىستى
ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى
ئات-ئىشەكلەر نە بىلۇر،
قەن-ناۋاتنىڭ قەدرىنى.
پەقەت تۇرخۇن بىلىدۇ،
ئاچچىق ئىسنىڭ دەردىنى...
*************
يۇۋاش بولساڭ توشقانمۇ،
بېشىڭدا ئۇسۇل ئوينايدۇ،
نەس باسقاندا دوستۇڭمۇ،
ساڭا قاراپ قويمايدۇ...
*****************
قول سۇزمىغىن سۆگەتكە،
نەشپۈت چۈشمەس ئۇنىڭدىن.
خام تامادا كۈن ئۆتسە،
قان-ياش ئاقۇر كۈزۈڭدىن.
*******************
ئاداۋەتنى ئۇنۇتقىن،
يۈرەك زىدە بولمىسۇن.
ياخشىلىق قىل ھەركىمگە،
مەيلى بىلسۇن بىلمىسۇن.
***************
ھايات دىگەن بەك قىسقا،
تۇيۇقسىزلا كىتىمىز.
ئەجەل قىستاپ كەلگەندە،
ھەقنى تۇنۇپ يىتىمىز......
2015-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
| 60 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 8:54:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|