ئۇنتۇلغان قىز
ماھىرە ئەركىن ئەتىر
مەن ئۇنتۇلغان قىز ،
قۇياش ماڭا كۈلۈپ باقمايدۇ ،
نۇرلىرىنى ماڭا چاچمايدۇ .
مۈكىۋالار تامنىڭ كەينىگە ،
كۆرەلمەيمەن ئۇنىڭ يۈزىنى،
ئاستا-ئاستا ئۇنتۇيدۇ مىنى .
مەن ئۇنتۇلغان قىز ،
كۈلۈپ يۈرگەنلەر ئەسلىمەس مىنى،
ئانام بىلمەس مىنىڭ ھالىمنى.
مۇڭدىشىمەن تۈندە ئاي بىلەن،
دەرتلىرىمنى ئاي بىلەمدىكىن،
مەن بىلەن تەڭ ياش تۆكەمدىكىن.
مەن ئۇنتۇلغان قىز،
قانىتى يوق تىلسىز قۇش كەبى،
مەن تۆكىمەن ئۈنسىز يېشىمنى.
سىردىشىمەن كۈندە ياش بىلەن ،
پەقەت يېشىم سۆيەر مەڭزىمگە،
كىملەر يىتەر مىنىڭ دەردىمگە.
مەن كۆرگەنلەر تانارمۇ مەندىن؟!
مەن سۆيگەنلەر كىچەرمۇ مەندىن؟!
باھار كەتتى ئۇنتارمۇ مىنى؟!
مەيىن شامال سۆيمەسمۇ ئەمدى؟!
سۇئال تۇغار سۇئال ئۈستىگە،
چۈنكى مەن بىر ئۇنتۇلغان قىز .
67 قېتىم كۆرۈلدى | Atir715 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-9 15:06:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|