ئۇنۇت دىمە ئۇنۇتالمايمەن - مېھىرنىسـا قۇربـان

         ئـۇنـۇت دىمـە ئـۇنـۇتالمايمـەن

مېھىرنىسـا قۇربـان

ئـۇنـۇت دىمـە ئـۇنـۇتالمايمـەن،
بىرگـە يـۈرگـەن ئـاشـۇ كـۈنلـەرنى.
كـۆل بـويىدا بىللـە ئولتـۇرۇپ،
بىـز مـۇڭداشقـان شېرىـن تـۈنلـەرنى.

ئـۇنـۇت دىمـە ئـۇنـۇتالمايمـەن،
ئـورنـاپ كـەتكـەن يـۈرەككـە ئىسمىـڭ.
كـۆز ئـالدىمدىن كـەتمـەيدۇ پـەقـەت،
كـۈلـۈمسىرەپ تـۇرغـان شـۇ جىسمىـڭ.

ئـۇنـۇت دىمـە ئـۇنـۇتالمايمـەن،
ئـۇنـۇتقـۇم يـوق سېنـى ھىچقاچان.
سـەن ئـۈچـۈنلا مـۇھـەببـەت سـۆيـگـۈم،
ئـەقىدەم بـار بىـر سـاڭـا ھـامـان.

ئـۇنـۇت دىمـە ئـۇنـۇتالمايمـەن،
گـەرچـە مېنـى ئـۇنتـۇپ كـەتسـەڭمـۇ.
ئـۇنـۇتمايمـەن بىـر ئـۆمـۈر سېنـى،
بـۇ دۇنيـادىـن يـۈتـۈپ كـەتسـەڭمـۇ.

ئـۇنـۇت دىمـە ئـۇنـۇتالمايمـەن،
ئـورۇنىـڭ بـار يـۈرەك قېتىمـدا.
ئـۇنتـۇش شـۇنچـە ئـاسـانمـۇ جېنىم،
ئـۇنتـۇش يـوقكـەن مېنىـڭ قېنىمـدا.

ئـۇنـۇت دىمـە ئـۇنـۇتالمايمـەن،
يـالقـۇنلايـدۇ مەندىكـى پىراق.
مـۇمكىـن ئـەمـەس سېنـى ئـۇنتـۇشـۇم،
سـەن كـۆڭلـۈمدە ئـۆچمـەس بىر چىـراق.

2016-9-19 غـۇلجـا شــەھـىـرى

     





46 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-20 10:22:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ