ھايات شۇنداق
ئەكبەر ئەركىن
ئۆتتى كۈنلەر بىر-بىرنى قوغلاپ،
زېرىكتىڭ ھاياتتىن تاپالماي مەنا.
يۈتسەڭمۇ زەربىدىن قان ئازاب ،
داۋاملىق ياشىشىڭ كېرەككەن يانا.
ھاياتنىڭ سىنىقى تۇرمۇش،
بولاركەن ئۇ «تەرسا»،ئاجايىب.
ئەقىل ئىدراكىڭ بولمىسا ئەگەر،
تۇرغۇزۇپ مۇشلاركەن غادىيىپ .
يانساگەر ئۆزگىدىن رايىڭ،
ئازاب چەكمە بولما پەرىشان.
سۆيگۈڭ گەر بولسىمۇ بەرباد،
دوستلىرىڭ نەزىردە سەن قەدىردان.
ھايات مۇساپەڭ بەك ئۇزۇن ،
ئالدىراپ كەتمىگىن ئىنسان.
كەتكەنلەر كىلەركەن بىر كۈن،
قەدىرىڭ ئۆتۈلگەن ھامان.
微信:2629888235
      
| 27 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر ئەركىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-8-5 1:50:04 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |