سەۋدالىق سەترىلىرى
ئاپتۇرى : سەۋدا
2- قىسىم
كىرپىكىمدىن تۆكىلدى بىر تال ،
يەنە مېنى سىغىندىڭمۇ يار .
سىغىن دىمغۇ سىغىنىشىڭنى ،
ئەسلىشىڭگە بولۇپ ئىنتىزار .
سىغىنىشلار سۆيگۈدىن دىرەك ،
ئاجىز ئىڭرار ھىجراندا يۈرەك .
ۋىساللارغا تەشنا ئاشىقلار ،
سەنمۇ ۋىسال ئىزدىسەڭ كېرەك .
سەدەف
بۈگۈن يەنە چۈشلىرىمگە كىردىڭ جانىم . ئوتلۇق ھىسلىرىڭ ، ئىللىق تىنىقلىرىڭ بىلەن ، بىلەمسەن سەدەف ، سۆيگىنىڭ ھىجرانلىق قىيناشلىرىدا قانچە كىچىلەرنى ئۇيقىسىز ، سەن بىلەن خىيالەن بىقىشىپ ئۆتكۈزگىنىمنى بىر تەڭرىدىن باشقا ھىچ كىشى بىلمەس . مېنىڭ سەۋدالىقىمنى بىلىسەن جانىم ، سۆيگۈ دىگەن ئاجىيىپ بولىدىكەن . ئىلگىرى « لەيلى – مەجنۇن » داستانىدىكى شۇ سۆيگۈ بىلەن سۇغۇرىلغان قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا خىيال قەسىرىمدە سەيىر قىلغىنىم ئىسىمدە ، مانا ھازىر بولسا سېنىڭ سۆيگۈ سۇلتانلىقىڭدا دۇلدۇل كەبىي چىپىپ يۈرمەكتىمەن .
مەن خىيالىمدا سەن بىلەن ئىلگىركى كۈنلەرنى ۋە ۋىسال دەقىقىلىرىمىزنى خىيال قىلىمەن جانىم.
شۇ خىيالىرىمدا قاغجىرغان ، سېنى ئەسەبىلەرچە سىغىنغان شۇ يۈرۈكىمگە ۋىسال شااپلىرىنى ئىزدەيمەن . بۇ كىچە چۈشلىرىندە سېنى كۆردۈم ، ھىدىڭنى ھىدلىدىم ، جىسمىڭنى تۇتىيا بىلىپ كۆزۈمگە سۈرتتۈم . يۈرەكلىرىم شادلاندى ، كۆڭلىم لال بولدى ، يۈرىكىم ئىرىدى . شۇنچە خوش بولدۇم ، سەندىن شۇنچە سۆيۈندىم ، چۈشلىرىمدە بولسىمۇ ئەسرالىشىش پۇرسىتى بەرگىنىڭگە تۈمەن مىڭلاپ رەھمەتلەرنى ئىيتتىم . تاتلىق شۇ ھىسلارنىڭ ئىلكىدە قانچىلقىك ئەلەيلەنگىنىمنى ئۇقمايمەن . بىلەمسەن ، شۇ ۋاقىتتا سېنىڭ « ئەلەي » دەپ چاقىرىشلىرىڭنى بەكمۇ سىغىندىم .
ھازىرقى ھىسياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۇقمايمەن جىنىم . ھىسياتىمغا سۆزلىرىم كار قىلمايدۇ، تۇيغۇلىرىم ھىچ نەرسىگە پىسەت قىلمايدۇ . بايا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەندىن بىرى قولۇمدا قەلەم ، ياتاقنىڭ دەرىزىسىدىن چۈشكەن ئاينىڭ مىسران يورىقىدا ئۆز زىكىرلىرىمنى بايان قىلماقتا مەن . تۇيغىلىرىم قەلەم بىلەن تۇتاش ، يۈرەكلىرىم سەن بىلەن ! گەرچە كۈندە نەچە رەت ئاچازىڭنى ، شۇ ئابىي ھايات كەبىي تىنىقلىرىڭنى روھىم بىلەن ئاڭلاۋاتقان بولساممۇ زادىلا قانمايمەن ، تىنماي ئاڭلىغىم ، ئىللىق قۇچىقىڭدا سەن دائىم ئىيتىدىغان « ئەللەي » كەبىي يىتىۋالغۇم كېلىدۇ . ئەپسۇس سەن يوق . تەقدىر قىسمەتلىرىمىز ماكان ئۇقۇمى ئارقىلىق بىزنى ئايرىپ تۇرىۋاتقان بۇلسىمۇ يۈرىكىمىز ئالىبۇرۇن بىرلىشىپ ، تىنىقىرىمىز قوشۇلۇپ كەتكەن ، ھىچ قانداق كۈچ ئارىۋىتەلمىگىدەك دەرىجىدە .
ئىسىمدە جىنىم . سەن يىنىمدا ۋاقتىڭدا ، ئازاپلانماڭ ، ئىشلارنى جايىدا قىلىڭ دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدىڭ . ئىشلىرىمنىغۇ رەت – رىتى بىلەن قىلۋاتىمەن ، لېكىن ئازاپ ئۇچقىنلىرىدىن خالىي بولالمىدىم . ئىشلىرىمدىن بىكار بولساملا سەن بىلەن خىيالەن ئەسرالىشىپ ، مىھىرلىك بىقىشىپ .....
مەن قانداقمۇ ئازاپلانماي ياشاي . شۇ ئازاپلىرىم سېنى كۈتىدىغان تۇرسام ! سسەن يوق خۇشلاىقنىڭ مەن نە كىرىكى ؟!!! بىلەمسەن ، كىلىشىڭنى شۇنداق ساقلاۋاتىمەن ، مىھرىم بىلەن باغرىمغا بىسىۋالسام ، ھىچ بولمىسا تىنىقىڭنى بولسىمۇ ھىدلىۋالسام ئازاپلىرىم يوقالغان بولاتتى.
كونىلار « سىنالغان سۆيگۈ ئەڭ قەدىرلىك » دەيدىكەن ، بۇمۇ شۇ سىناقلار جۇملىسىدىن بولسا كېرەك . خەيىر ، شۇ سىناقلارغا شۇ سەۋدالىقىم بىلەن بەرداشلىق بىرىمەن . جانىم سەدەف تەڭرىدىن ھەر بىر قەدىمىڭنىڭ مەرھەمەتلىك بولىشىنى تىلەپ ....
سەۋدا
2017- يىلى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى تۈن يىرىم ، ئۈرۈمچى
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
76 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2017-6-20 14:45:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|