سۈكۈتتە تۇرمىغىن بولۇپ دىلىغۇل

‏سۈكۈتتە تۇرمىغىن بولۇپ دىلىغۇل

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏ھۇجرىدا جىممىدە ئولتۇرار تەنھا،

 ‏خىياللار ئىلكىگە ئالغان گۈلچىراي.

 ‏يۈرەكنىڭ بېغىغا قۇنار تۇيدۇرماي،

 ‏يىگىتنىڭ تىلىدا سايرىغان تۇرغاي. ‏

 

 ‏‏لىۋەننىڭ يۈرۈكى سوقماقتا تېز-تېز،

 ‏ئەسىرگە ئالغاچقا مەستخۇشلۇق پەيتى.

 ‏خىيالەن سۈرمەكتە ھايات پەيزىنى،

 ‏ئەڭ گۈزەل چۈش بولغاچ شاراپنىڭ كەيپى.‏

 

‏ ‏ئۇيقۇنى قاچۇرۇپ كۈيلەر توۋلايلى،

 ‏ئۇلغايسۇن تېخىمۇ دىلدىكى يالقۇن،

 ‏قېنى كەل شادىمان ئۆتسۇن بۇ ئاخشام،

 ‏تاڭ ئېتىپ يۇلتۇزلار ئۇزاشتىن بۇرۇن.

 

‏ ‏سۈكۈتتە تۇرمىغىن بولۇپ دىلىغول،

 ‏قايغۇلار ئۆتكۈنچى كۈلكىدۇر مىھمان.

 ‏بولغۇسى سۆيگىمىز بىر كۈنى گۈلخان،

 ‏بىزلەرگە شاھىتتۇر بۇلغانماس ۋىجدان.

 

 ‏ ‏يۈرەكتىن چەتنىسۇن خىيال قۇشلىرى،

 ‏رەھىمسىز تەقدىرگە بولۇپ خاتىرە.

 ‏سۆيگۈنى ھەقىقى چۈشەنسۇن يۈرەك،

‏ئەلەملىك كۆز ياشقا بىرىپ خاتىمە.

 

‏ ‏خىياللار ئىلكىدە ياشاش بىر ئازاپ، ‏

لىكىن،ئايرىلىشتىن بەرمەيدۇ دىرەك.

 ‏ئىچەرمىز بىر كۈنى ۋىسال شارابى،

 ‏ئۇمۇتكە تولسىلا بىزدىكى يۈرەك.

 

‏ ‏2015-يىل ئاۋغۇست باي





145 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-18 8:30:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ