مەن سېنى تۇنجى رەت كۆرگەندە قىزچاق،
كۆرۈندىڭ كۆزۈمگە بىر ئوتلۇق قۇياش.
بىرسىنى پۈككەچكە سەبىي قەلبىمگە،
خاتىمە بەرگەنمەن ئۆزگىگە قاراش.
سىمايىڭ نەچچە رەت چۈشسە كۆزۈمگە،
«ئاشىققا ئايلاندىم »دېدىم ئۆزۈمگە .
ھەر مىنۇت ھەر سىكۇنت خىيالىم سەندە ،
ئىشەنگەن ئەي نىگار ئۇشبۇ سۆزۈمگە.
كېچىلىرى چۈشۈمگە كىرسەڭ ئەگەردە ،
زارىقىپ كۈتمەن سېنى سەھەردە.
كۈتۈشكە رازىمەن سېنى تائابەت ،
بۇ ساڭا بېرىلگەن ھەقىقىي ۋەدە .
قىش ئۆتۈپ كېلىدۇ يەنىلا باھار ،
كۆڭلۈمنى بىر كۈنى قىلىمەن ئىزھار.
نىچۈن قىلىپ مېنى ئۆزۈڭگە شەيدا ،
كۆيگىنىمنى پەقەت بىلمەيسەن زىنھار.
كەچمەيمەن دەپ قەسەم بەرگەنمەن ئۆزۈم ،
بۇ مېنىڭ دەيدىغان ئاداققى سۆزۈم .
خىيانەت كۆرۈلسە ئەگەر مېنىڭدە ،
تەييارمەن ئالدىڭدا ئويۇشقا كۆزۈم.
2016.يىلى 22.ماي ياركەن ئەستىللا جۈنەيدۇللا ئۆزخانى
299 قېتىم كۆرۈلدى |
OZHAN |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-10-2 0:36:44 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-2 16:34:44 |
ھۈسەنجان |
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ |
2016-10-2 16:24:21 |
ئاچىل |
ياخشى يېزىلىپتۇ👍👍👍 |
2016-10-2 16:20:53 |
delnur |
bak yahtudum, bu asar da yeget nig kizqakka bugan samimi pak kugli epadilinip tu, hammi mizma pak samimi suygunig hamra bulxini umut lelman |
ئىنكاس يېزىڭ