نەۋرۇز - غۇلام مۇھىددىن

نەۋرۇز


غۇلام مۇھىددىن«بېخلان»


بۈگۈن  نەۋرۇز بۈگۈن  نەۋباھار،
گۈل گىياھقا لىق  تولدى  باغلار.
نەۋباھارنى    كۈتۈپ ھەم ھاتتا،
زوق شوخ بىلەن سايرىدى قۇشلار.

 

بۈگۈن  نەۋرۇز  بۈگۈن  نەۋباھار،
خۇشاللىققا  چۆمدى   دىھقانلار.
نەۋرۇز ئېشى ئېتىپ  ھەممىسى،
شۇ سەۋەپ  يېغىلدى  تۇققانلار.

 

بۈگۈن نەۋرۇز  بۈگۈن  نەۋباھار،
ئۇيغۇرۇمنىڭ   باھار  ئەلچىسى.
بۇ   نەۋرۇزدا    قىلىپ    تەنتەنە،
ياڭراق ناخشا ئېيتتى بارچىسى.

 

بۈگۈن  نەۋرۇز  بۈگۈن  نەۋباھار،
شوخ يىگىتلەر   سالماقتا   ساما.
كەلگىن  دوسلار  ئىچەيلى  بىللە،
نەۋرۇز   ئېشى  يۈرەككە  داۋا.

 

 ئۈندىدار-1792884007





428 قېتىم كۆرۈلدى غۇلام مۇھىددىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-21 13:40:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ