ئانام ئەتكەن ئاش (شېئىر) - ​قادىر ئابلەت

ئانام ئەتكەن ئاش
قادىر ئابلەت

جەننەتنىڭ مىۋىسى ماڭا نە ھاجەت،
تۇرۇپتۇ ئالدىمدا ئانام ئەتكەن ئاش.
بولسىمۇ ئەتراپىم مىسلى چوڭ جەننەت،
لەززەتسىز مەن ئۈچۈن ئۇنىڭسىز ياشاش.

جەننەتنىڭ مىۋىسى بولارمۇ خىجىل،
جان ئانا، سەن ئەتكەن ئاشنىڭ ئالدىدا.
تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئىسىل،
تۇرىدۇ ھەرقاچان تەمى تىلىمدا.

ئەزرائىل جىنىمنى ئالساڭمۇ ئاداش،
توختاپ تۇر،بىر قوشۇق يەۋالاي ئازراق.
جەننەتتە بولسا گەر ئانام ئەتكەن ئاش،
چاپسان بول،شۇ يەرگە كىتەيلى تىزراق.

2017-3-18
     





267 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-18 4:04:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-22 18:20:26 ئ‍ايشەم سادىر
ئ‍انام ئ‍ەتكەن ئ‍اش .بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ