ئ‍ەمەلپەرەسكە

ئ‍ەمەلپەرەسكە

 

arzu313

 

تەگسە ساڭا كالتە قوشۇقنىڭ سېپى،

 كۆرەڭلىدىڭ كەلدى دەپ ئ‍ىشنىڭ ئ‍ېپى.

 خوجايىنلىق كېبىر قوشۇلدى ساڭا،

قۇلىقىڭغا خوش ياقماس ئ‍ۆزگىنىڭ گېپى.

 

 ئ‍ۆز مەيلىڭچە ئ‍ورناتتىڭ تۈزۈمىڭ يېڭى،

تۈزۈمىڭدىن چىققاننىڭ پىشمىغان خېمى.

 چىقسا گەر ھەق -ناھەق جوداسى بىر كۈن،

 قىلىسەن ئ‍اجىزنى كۈچلۈكنىڭ يېمى.

 

 تۇيۇقسىز چىققاندا ئ‍ۆزگىنىڭ دېڭى،

 پۇتىدىن تارتىسەن بولىسەن ھېڭى.

 تەخسىكەش دەللاللار چاقسا بىرىنى ،

قوزغايسەن بىمەھەل<تىنىچلىق جېڭى >.

 

 ئ‍ەۋلىيادەك چاغلايسەن ئۆزۈڭنى تېخى ،

 بىلىمىڭ بار بولسا يوقمىدۇر كېمى؟

سەنمۇ بىر ئ‍ىنسانغۇ غەلىبەڭ بىلەن،

 يىقىلسا سەپدىشىڭ بولغىن سەن تېمى.

 

 ئ‍ەۋلىيادەك چاغلايسەن ئ‍ۆزۈڭنى تېخى ،

 بىلىمىڭ بار بولسا يوقمىدۇر كېمى؟

سەنمۇ بىر ئ‍ىنسانغۇ غەلىبەڭ بىلەن،

يىقىلسا سەپدىشىڭ بولغىن سەن تېمى.





146 قېتىم كۆرۈلدى arzu313 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 1:09:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 10:13:37 م، ئىزچى
بەك ياخشى يېزىپسىز،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ