زېمىستان
زېمىستان 
 
 (ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
نادانلار بېرىككەن گۈلزاز بەئەينى گورىستاندۇر،
دانالار بىرىككەن زىندان بەئەينى گۈلىستاندۇر.

ھېكمەت كەمىرىنى باغلىغىن سەن،ئاچقىن كۆزىڭنى،
ھەرىدەك دايىم شېرنە يىققانلار ھەم بىگۇماندۇر.

ئەقلىڭنى تاپمىساڭ دايىم ساڭا بولار زېمىستان،
ئىلىم-ئىرپان بىلەن شۇغۇنلان دايىم گۈلىستاندۇر.

نادانلىقتىن نېرى تۇرغىن، ئۈگەنگىن-سەنمۇ ئىرپان،
بۇلبۇللار قانات قاقىدۇ شۇندا ساڭا ئىمكاندۇر.

ئىنسانلار ياقا تۈندە، قاراڭغۇ چۈشكەندە چېراغ،
نادان قالسا ئىنسانلار ھەم كۈنى قارا زىنداندۇر.

دىلىڭنى يۇرىتار بىلىم باياۋاندا قالساڭمۇ،
زېمىستانىڭ ئېرىپ شۇندا جاھانىڭمۇ بوستاندۇر.

دانالىقنى توپلىغىن ئۆزىڭ، قالمىسۇن سەندە داغ،
باھارىڭ ئېچىلسا شۇنىڭدا بارچىسى سۇلتاندۇر.

دانالار كۆپەيگەن بارچە ئەلدە، بەخىتمۇ كۆپتۇر،
توختىماي تېرىش دوسلار،بارچە يەر جەننىتىڭ كۆپتۇر.
 
ــــ شىپائى 2016-يىلى 29-يانۋار
ئۈندىدار :  13999215195





161 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 0:27:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ