بىلىپ قال:گۈزەل بايدىن تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

         بىلىــــــــپ قال        

ناخشا تېكىستى  

بۇرۇنقىدەك سەن بىلەن يۈرەلمەيمەن بىلىپ قال،
يۈردۈڭ ھەتتا يات بىلەن سۈيەلمەيمەن بىلىپ قال.
مەندەك ئاشىق يۈرەكنى خار قىلدىڭ سەن بىۋاپا،
سەنمۇ بىر كۈن خارلىنىپ يۈرۈپ قالسەن بىلىپ قال.

بىۋاپانى سۈيۈپ مەن خارلاندىمغۇ ئالىدىدا،
نابۇت بولدى باھارىم ۋاپاسىزنىڭ قولىدا.
كىرىپ شەيتان كەينىگە مېڭىپتىمەن يۇلىدا،
ئەمدى ھەرگىز ماڭمايمەن يوللىرىڭدا  بىلىپ قال.

ئېرىشكىنم دەرت بولدى ئۆكۈنمەيمەن بىلىپ قال،
ئەمدى سەندىن ۋاز كەچتىم يېلىنمايمەن بىلىپ قال.
خەير جانان كىتىۋەر ئۆز يۇلۇڭغا راۋان بوپ،
ئارقاڭدىنمۇ قارماسمەن ئۆچ بوپ كەتتىم بىلىپ قال.

     تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»
         
         2016.8.19
     





130 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-23 14:09:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-1 23:11:57 zilala
ياخشى ئ‍ىكەن 🌹🌹🌹🌹🌹👍👍👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ