ئايرىلىش بېكىتى
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
خوشلاشتۇق بىز ئاشۇ بېكەتتە،
قوللىرىمدىن ئاجرىدى قولۇڭ.
مەن تىلەيمەن ساڭا ئامانلىق،
گۈلگە تولسۇن باسقان يوللۇرۇڭ.
كۆيدى جىسمىم ھەسرەت ئوتىدا،
ئاھ يۈرىكىم كەتتى سەن بىلەن.
شېرىن كۈنلەر بولدى ئەسلىمە،
يار ئازابىڭ قالدى مەن بىلەن.
جۇدۇن باستى باھار پەسلىنى،
باغلىرىممۇ بولدى زىمىستان.
سەنسىز ئايدىڭ ماڭا قاراڭغۇ،
باغرىم تىلىپ ئۆكسۈيدۇ ھىجران.
ۋۇجۇدۇمنى باسىدۇ تىترەك،
شوخ كۈلكەڭنى ئېسىمگە ئالسام.
بۇلبۇل يىغلار مېنىڭ ھالىمغا،
مەجنۇن بۇلۇپ يىگانە قالسام.
2016-يىل 25-دېكابىر
(مارالبېشى)
135 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-26 7:14:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|