تويلۇرۇم (ناخشا تېكىستى) - مەمەتجان سەمەت

تويلۇرۇم
ناخشا تېكىستى
مەمەتجان سەمەت


يەتتىم ئاخىر مەن ۋىسالىمغا،
بەرپات بولماي ئارزۇ ئويلۇرۇم.
بەخت ماڭا كەڭ قۇچاق ئېچىپ،
بولدى بۈگۈن قۇتلۇق تويلۇرۇم.

تەڭ قىلمايمەن سېنى مەن يارىم،
ھەتتا قوياش يۇلتۇز ئايغىمۇ.
سەندەك گۈزەل يوقتۇر پەقەتلا،
گۈزەل گۈللۈك باغلار تاغدىمۇ.

ئۈمۈدلىرىم قاقماقتا قانات،
بەرگەچكەسەن چىن سۆيگۈ جانان.
خاتىرجەم بول ۋەدەمدۇر موشۇ،
قەدىرلەيمەن ھەرچاغ ھەر زامان.

ھاياجاندىن يۈرۈكۈم سوقۇپ،
ئىختىيارسىز قوشاقلار توقۇپ.
ساڭا ئاتاپ ناخشا ئوقۇدۇم،
چەكسىز بەخت كۈلكىگە تولۇپ.

ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئىشلەتسىڭىز ئاپتورنى ئىزدەڭ نامسىز قىلماڭ
     





21 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-8 19:00:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ