سەن سېغىنساڭ ، سېغىندىم مەنمۇ - ھوشۇر ئ‍امىرجان ئ‍اتەشى

سەن سېغىنساڭ -سېغىندىم مەنمۇ

ھوشۇر  ئ‍امىرجان ئ‍اتەشى

سەن سېغىنساڭ ، سېغىندىم مەنمۇ ،
رۇجەكلەرگە يۈلىنىپ بۆگۈن .
مويىل گۈلى ئ‍ۆزۈپ بەرگۈم بار ،
ماڭا بەرگەن پاك سۆيگۈڭ ئ‍ۈچۈن .

سەن سېغىنساڭ  ، سېغىندىم مەنمۇ ،
قىشىڭ تۈگەل ،  كۆزۈڭنى دىلدىن .
قويۇلماقتا ئ‍ېشقىم دەرياسى ،
ئ‍ۇلۇغلۇقتا قىلىشماي  نېلدىن '

سەن سېغىنساڭ ،سېغىندىم  مەنمۇ ،
سېغىنغاندەك يۈرەكنى ، يۈرەك ،
"قېچىپ چىقتىم چۇگرى چۇققىغا "
سەنسىز  بۇ يۇرت ماڭا نە كىرەك ؟

سەن سېغىنساڭ  ، سېغىندىم مەنمۇ  ،
ئ‍ۇنتالمىدىم سېنى بىر مىنۇت  .
چەكسىز كەتكەن ئ‍اسمىنىڭ ئ‍ارا ،
بولۇپ قالدىم  يىگانە بۇلۇت  .

نېل -مىسردىكى ئ‍انا دەريا دەپ ئ‍ۇلۇغلانغان ، قەدىمكى ئ‍ۈچ دەريا مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى سانالغان نېل دەريانى كۆرسىتىدۇ .
    -ئ‍اپتۇردىن
     





198 قېتىم كۆرۈلدى ejran ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-30 12:08:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-3 0:28:42 روداكىي
بۇ شېئىر بەك قالتىس يېزىلپتۇ ،،،،ئ‍اپرىن ئ‍ېنىم ساڭا
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ