سادىغاڭ كىتەي
نۇربىيە سىدىق (پەرىشتە )قەلىمىدىن
ھۆرمەتلىگىن چوڭلارنى سادىغاڭ كىتەي ،
ئىززەتلىگىن كىچىكنى سادىغاڭ كىتەي .
مۇڭلانمىسۇن ئەجدادىڭ بۇيۇن قىسىپ ،
ئۇنۇتمىغىن ئەخلاقنى سادىغاڭ كىتەي .
قىلما خەققە يامانلىق سادىغاڭ كىتەي ،
بولسۇن ھەممە ئامانلىق سادىغاڭ كىتەي .
چۈشسەڭ ئەدەپ كۇرسىدىن بېرىشىڭ سىنىڭ ،
بۇلۇپ قالار سامانلىق سادىغاڭ كىتەي .
سادىق بولغىن يايرىڭغا سادىغاڭ كىتەي ،
قاراپ باققىن يانىڭغا سادىغاڭ كىتەي .
ۋاپادارلىق گۈللىرى ئىچىلسا ئەگەر ،
بەخىت كىلەر قوينىڭغا سادىغاڭ كىتەي .
ئۆزۈڭنىلا ئويلىما سادىغاڭ كىتەي ،
شەيتاننى سەن دورىما سادىغاڭ كىتەي .
بېشىڭ قېيىپ ،پۇتۇڭ تىلىپ يامانلىقنىڭ ،
دەرياسىنى بويلىما سادىغاڭ كىتەي .
ئويلاپراق سەن ئوينىغىن سادىغاڭ كىتەي ،
ياخشىلىقنى قويمىغىن سادىغاڭ كىتەي ،
ئاماننىسا ، نۇزۇگۇم تۇمارىسلارنىڭ ،
كۆزلىرىنى ئويمىغىن سادىغاڭ كىتەي !
2016- يىلى 11-نويابىر .
| 74 قېتىم كۆرۈلدى | parixtaaa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-15 8:52:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|