قوزىلار
مىلىتسىيە
قىرىق تۇياق قوزا
تۆت ئەتراپى تۇسۇلغان ئەركىن يايلاق ئىدى
تام بىلەن
پادىچىنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى بىلەن
قوزىلار تەمتىرەيتتى
ئادەملەرنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيتتى
چۈنكى ئادەملەر بۇ قويلاردىن رەزىل ئىدى .
بىپايان ئوتلاق
چەكسىز ئاتمۇسپىرا
بۇلار ئۈچۈن تۈرمە ئىدى .
ئېچىرقىغان قوزىلار
ئوتلايتتى
ئوتلاقتا
ئانىسىنى ئىزلەيتتى يايلىقىدا .
پادىچى رەزىل ئىدى
پىچىقى ھەم قۇللىرى بارئىدى
بۆرىدەك ۋەششى ئۆلتۈرىدىغان
ھاۋا دائىم تۇتۇقلا تۇراتتى
لىكىن قارشى تەرەپنىڭ يايلىقى ئۇچۇق ئىدى
بارالمايتتى
كىشەللەنگەن ئىدى
پاقلان بۇلۇش ئۈچۈن كەلگەن قوزىلار
ھالسىرغان ئىدى
ياتسىرغان ئىدى
ھەممىسى ئۆچكە بولغاش بۇ يايلاقتا .
ئوتلىرى قىياق ئىدى
قوزىلار يىيەلمەيتتى
سۇلىرى سېسىق ئىدى ئىچەلمەيتتى .
پاقلانلار مەرەشكە جۈرئەت قىلالمايتتى
جاللات پادىچى دائىم تەييار ئىدى
يايلىقىدىن ئۈسۈملۈك تاپالمىغان
بايقۇش قوزىلار
باشقا جانلىقلار بىلەن ياشايتتى .
بىر ئۇستىخان
بىر سۆڭەڭ
بىر تىرە
مەڭگۈ پاقلان بۇلالماي
بۇيايلاق قارا بۇلۇتنىڭ بىكىتى ئىدى
يامغۇر بىلەن شېۋېرغان .
يۈرەككە تىگىدىغان .
ھەممىسى بىرتال چۆپ ئۈچۈن سۈتسىز قالغان
پاقلان بۇلىشنى ئويلاپ ئۈلۈمنى ئۇنۇتقان قوزىلار
ھەممىسى مەرەيتى
ئانىسىنى ئىزلەپ .
ئۈلەي دەپ قالغان قىرىق قوزا .
- جېڭجۇ
772 قېتىم كۆرۈلدى | militsiya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-20 20:19:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-22 18:48:07 | ئەبەي |
بۇمىللىتسىيە مەندىن كەسىپ تالىشىۋاتامدۇ نېمە. |
2016-11-22 14:38:19 | چالىقۇشى |
مەنىسى چوڭقۇركەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|