ياغە يامغۇر ياغقىن شارقىراپ (شېئىر) - مۇھەممەت ھەبىبۇللا

ياغە يامغۇر ياغقىن  شارقىراپ

مۇھەممەت ھەبىبۇللا

تۆكۈلمەكتە ئاشىق  يېشىدەك،
بۇلۇتلاردىن تامچىلاپ يامغۇر.
غەليان قىلغان  ئېزگۈ ھىسلارنىڭ،
تومۇرلاردا دولقۇنى باردۇر..

ئاقۇچ تۇمان يۇتار ئورماننى،
گويا يۇتماق بولغان زېمىننى.
ياپراقلىرى يۇيىلار شۇ دەم،
ئېغىر كېلىپ  چاڭ- توزانلىرى.

ھاياتلىققا مەلھەم يامغۇرنىڭ،
مىھرىلەرگە تولغان تامچىسى.
چۈشەر ئەنە مەرۋايىت كەبى،
مەستخوش قېلىپ ئانا تۇپراقنى.

تۇرار شۇنچە بەھەيۋەت تاغلار،
سۈكۈت بىلەن بولۇتلار سۆيۈپ،
تەبىئەتنىڭ سېخىيلىق قىلىپ ،
كەتكىنىگە زوقلىنىپ كۈلۈپ.

تامچىلاردىن يىغىلغان ئېقىن،
كېتەر يىراق ئېدىرغا سىڭىپ.
مۈگدەپ قالغان نازۇك مايسىلار،
بىخ سۈرمەكتە  ئەمدى ئويغىنىپ..

ياغە يامغۇر ياغقىن  شارقىراپ!!!
تەشنالىقى قانسۇن  قەلبنىڭ!.
بارچە گۈللەر ئېچىلسۇن  تەكشى،
يامغۇر بىلەن يۇيۇپ ھەسرىتىڭ.

تۇرپان
     





163 قېتىم كۆرۈلدى sudayis ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-23 11:02:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ