ئويلانغىن (2)
(ئىبراھىم ياسىن)
دەۋىرنىڭ ئەركىسى ھەي دەۋىرداشلار،
قىسمەتنىڭ قۇللىرى ھەي تەقدىرداشلار.
ئويلىنىپ باقايلى ئەمدى بولسىمۇ ،
غەپلەتتە ياتمايلى ئەي زامانداشلار .
تاغ كەبى ئاتاڭ يۆلەپ تۇرسىمۇ،
باغ كەبى ئاناڭ ھەم ياندا تۇرسىمۇ .
گۇل كەبى تۇرسىمۇ ھەتتا ئۆز يارىڭ ،
ئۇگىنىپ، ئىزدەنگىن بىر كۇن بولسىمۇ .
يۆلەنمە ئاتاڭغا ئەمەس ئۇ تىرەك ،
بولالماس ساڭا ئۇ بىر ئۆمۈر يۆلەك.
ئوقۇغىن ، ئىزدەنگىن ھەر بىر نەپەستە ،
باشقىسى ئەمەستۇر ئىنسانغا كىرەك .
ئادەمدەك ياشايلى قەدىرلىك ھەيۋەت ،
قىلمايلى پەسلىشىپ پەقەتلا غەيۋەت .
تارىتمايلى پۇتىدىن تىرىشقاننى بىز ،
بىزلەرگە باسمىسۇن يامانلىق غەپلەت .
ئويلىنىش بولسۇن بىزدە كۆپرەك ،
تاپايلى كىتاپتىن ئوقۇپ كۇچ - قۇۋۋەت .
ئىيتار ھەقىقەت ئىبراھىم سىزگە ،
ئەمدى ئۇخلىماي ، ئويغىنىڭ تىزرەك .
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۇنى
| 69 قېتىم كۆرۈلدى | ibrahem | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-11 9:27:48 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|