پۇلۇڭ بولسا
دىليار خېلىل
ساماۋەرلەر قاينايدىكەن ئەجەپ شاتلىق ،
پۇلۇڭ بولسا مېھمانى سەن ساھىپخاننىڭ.
ئۇيۇپ تۇرار پېيالەڭدە ساڭا قېتىق ،
پۇلۇڭ بولسا دۇئاسى سەن داستىخاننىڭ.
ئوڭ بولاركەن قىلغان ھەربىر توڭ گېپىڭ ،
ئوينىتاركەن ھەممىنى شوخ چالغان دېپىڭ.
ئەتراپىڭدا پەرۋانە يانسا چىرىغىڭ ،
دوسلىرىڭمۇ دوست بولىدۇ پۇلۇڭ بولسا .
سېنىڭ ئۇچۇن ئوڭ بولاركەن ھەتتا پەلەك ،
سېنىڭ ئۈچۈن سۇ توشاركەن ھەمدەچېلەك .
ئات دېگىنىڭ تۇلپار دۇر بولسىمۇ ئېشەك ،
سۆزلىرىڭمۇ سۆز بولىدۇ پۇلۇڭ بولسا .
ئەجەپ تاتلىق كۆرىنىدۇ سەت خۇيۇڭمۇ ،
ساڭا پېدا سۆيىنىدۇ سۆيگىنىڭمۇ .
تۇققان تولارتاغ كەينىدەبولسا ئۆيىڭمۇ ،
تۇققۇنىڭ تۇققان بولىدۇ پۇلۇڭ بولسا .
تېپىلمايدۇ بۇئالەمدە سەنچە قالتىس ،
بىلىنىسەن ھەر ئادەمگە شۇنچە خالىس.
نەپلىرىڭدىن ياغار ساڭا داستان ئالقىش ،
يۇزلىرىڭمۇيورۇق بولىدۇ پۇلۇڭ بولسا .
سېتىشاركەن مەنپەتلەرگە پۇلسىز دىلنى ،
گال قىلاركەن ھەقېقەتكە پۇلسىز تىلنى .
دال قىلاركەن تۆھمەتلەرگە پۇلسىز قولنى،
قارىلىرىڭ ئاق بولىدۇ پۇلۇڭ بولسا .
| 82 قېتىم كۆرۈلدى | delyar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 13:50:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|