باغرىمسەن ئانام!!!!
جىنىم ئانا تەبرىكلەيمەن ئەتىكى بايرىمىڭنى،
ئىسىل سوۋغا تەقدىم ساڭا دىيەلمىسەممۇ .
سوۋغا قىلاي ئاددى تىللىق يۈرەك سۆزۈمنى ،
ئىللىق باغرىڭدا ئوت كەبى يانالمىساممۇ .
پەرىشتەمسەن جان ئانا بەردىڭسەن ھاياتىمنى ،
بىز كۈلگەندە تەڭ كۈلۈپ خازان قىلدىڭ ياشلىقىڭنى.
كۆزۈڭ ئىدۇق يۇلتۇزۇڭ تۆت قۇياشتەك تەڭ پارلاپ ،
مەيلى ئامەت قاچقاندا سەن ،سوۋغا قىلدىڭ دۇئايىڭنى.
مىھىر ۋاپا ئەھدى ئەتتىڭ ،سۆزلىمدىڭ جاپايىڭنى،
گەر ئاقسىمۇ چىكەڭدىن تەر نۇرۇڭ بىلدىڭ ئائىلەڭنى.
تۆت پەرزەنتىنىڭ ئوتىدا كۆيسەڭمۇ گەر ئوت بولۇپ ،
ئۆيۈم دەپ ھەم بالام دەپ ئاتىدىڭ سەن بارلىقىڭنى.

قەلبىڭ يىغلار بەزىدە تىزلا سۈرتتۈڭ ياشلىرىڭنى،
يىقىلغاندا دەس تۇر دەپ تىلەپ بىزگە جەسۇرلۇقنى.
قار يامغۇردا تىلىدىڭ تۆت بالاڭنىڭ ساقلىقىنى ،
پەرزەنتلىرىڭگە باغلىدىڭ ئۈمىدىڭ ھەم ئىشەنچىڭنى.
ئوغۇللىرىڭ ئالمايدۇ ئغىر، جاپالاردا تاۋلىنىشنى،
قىزلىرىڭغا ئۆگەتتىڭ ھەم شەرمى ھايا تەبىيلىكنى.
گەرچە ساڭا بىرەلمىسەكمۇ خانىشلاردەك خاس ھۇزۇرنى،
بەختىمىزنى كۆرسەڭلا سەن ھىس قىلىسەن قانائەتنى.
| 383 قېتىم كۆرۈلدى | izgukalip | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-5-7 23:33:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|