ئايرىلىش
نەسىر
ئايرىلىش ـــــ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ ، زېمىن تىترىدى. كۆك ئاسمان قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ياش تۆكۈپ يىغلىدى.
ئايرىلىش ـــــ مۇقەددەس بۇغدا چوققىسى تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلدى. ھەيۋەتلىك خانتەڭرى ماتەمدار بولۇپ ، گۈزەل پامىرياش تۆكتى .
ئايرىلىش ـــــ قۇياش يۈزىنى قارا بۇلۇتلار توستى ، ئاي يۈزىنى توسۇپ ، يۇلتۇزلار مۇڭدا قالدى.
ئايرىلىش ـــــ گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان بۇلبۇل سايراشتن توختاپ قالدى . چىمەنزارلادىكى گۈللەرھەسرەتتىن سولاشقىنىچە باشلىرىنى ئەگدى.
ئايرىلىش ـــــ يۇلغۇنلار يۈزىگە قىزىل تەپچىرىپ ، توغراقلار كۈمۈش ياپراقلىرىنى تاشلىدى . گويا تەكلىماكان ھىجراندىن تولغىنىپ پىرقىراپ ، ئاسمان-زېمىن ئوڭ- دۈم بولدى .
ئايرىلىش ـــــ بورانلار ھۈركىرەپ،دەل-دەرەخلەرنى سۇندۇردى. دەھشەتلىك قۇيۇنلار غەزەپ ئىچىدە زېمىن يۈزىنى قاپلىدى.
ئايرىلىش ـــــ زەرداپقا تولغان يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ياشلار مارجان كەبى تۆكۈلۈشكە باشلىدى ، كۆزلەر نەملەندى ، خىرەلەشتى . ئاخىرىدا كۆرمەس بولۇپ قالدى . قۇلاقلار ھەسرەتتىن باشقىنى ئاڭلىماس ، يۈرەك سەزمەس بولۇپ كەتتى . ئارىلىقتا قەلەم قولغا چىقتى ، بىراق ھىجرانلىق ئىچىدە ئاڭقىراپ قالدى.
ئايرىلىش ـــــ يالغۇزلۇقنىڭ ، ئازاپنىڭ باشلىنشى . كۈزلەر كۆرمەس، كۆڭۈل خالىماس بولۇپ قالدى . ھاياتلىق مەنىسىنى يوقاتتى ، رەڭگىنى يوقاتتى . ھەممە مەنىسىز ، رەڭسىز ھەتتا ئۈمۈدسىز تۇيۇلدى.
ئايرىلىش ـــــ قاراڭغۇلۇققا باشلانغان ساياھەت . گوياكى نام-نىشانسىز يولۇچى ، نەقەدەر ئىلاجىسىز، نەقەدەر بىچارە.
ئايرىلىش ـــــ ھەممە تۈگىدى . نە رەنجىش ، نە قىيالماسلىقلار،ئەمدى ھەممە نەرسە يوق . قالغىنى ، ئامالسىزلىق ، رەھىمسىزلىك ، يالغۇزچىلىق .
ئايرىلىش ـــــ گۈزەل بىر چۈش ئاخىرلاشتى . ئالدىڭدىكى رېئاللىق ، رەھىمسىز تەقدىر ، ئاجايىپ تۇرمۇش ......ساڭا قاراۋاتىدۇ . ئۇنىڭغا يىغلىساڭمۇ بولىدۇ ، كۈلسەڭمۇ بولىدۇ . پەقەت شۇ ، ئۆزۈڭگە باغلىق . جايىڭدا تۇرامسەن ياكى مىدرامسەن ، بۇ ئۆزۈڭنىڭ تاللىشى .
ئايرىلىش ـــــ بەلكىم قورقۇنچلۇق چۈشنىڭ ئاياغلىشىشىدۇر . سەن كۆزۈڭنى ئاچقىن ۋە ئەتراپقا نەزەر سال . قايسى مەنزىرىنى كۆردۈڭ ؟ ئۆزۈڭگە پۇرسەت بەر ، گۈزەل ئەتىدە ھەققىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالما .
ئايرىلىش ـــــ بىزنى چۆرگىلەپ تۇرىدۇ . بۇنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىڭنىڭ ئۆزى بىر سوۋغا .
تۆت قۇلاق قەلىمىدىن
2017-يىلى15-ماي كورلا
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
مۇھەرىرلەر باھاسى :
( ئەسەر قۇرۇلمىسى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىلىپتۇ ، ئۆزگىچىلىك بىلەن يىڭى ئۇسلۇپ بىرلىشىپتۇ )
| 98 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz99 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-14 1:04:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|