چولپانلار ئۈلگە بولسۇن
يازغۇچى : ئابدۇۋارىس ئوسمان
يىگىتلەر توي سېلقىدىن تېخى بويتاق ،
قىز پۇلدارنى تاللىسا دەككىسى تالاق .
ئەلمىساقتىن توي دىسە بار ئويلانماق ،
نەسەب بىلەن بىلمىگە باردۇر قارىماق .
قىلىڭلار ئاددى توينى چولپانلار ،
ئۈگنەيلى ئۈگەنسۇن خەلق سىلەردىن .
پۇلنى ساۋاپقا چېچىپ بېقىڭلار ،
مەستانە بولايلى خىسلىتىڭلاردىن .
كىتاپ سوغا قىلغان تويدىن سۈيۇندۇم ،
ئاپرىن بولسۇن ئۈلگە بولغان چولپانغا .
قەلبىمدە ياخشى تىلەكلەرنى سۇندۇم ،
شۇ خەلقىمنى ئويلىغان چولپانىمغا .
ئارىمىزدا چولپان كۆپىيىپ قالدى ،
پەخىرلىنىپ ئاغزىم زىناققا يەتتى .
چولپانلار يۇلتۇز ھەم ئۈلگىمىز ئىدى ،
بۇنداق چولپان ئارىمىزدىن ئازچىقتى .
چولپانلارنىڭ تويى تويلادىن قالتىس،
ھەشەمەت بايلىقلار چولپانچە بەسلىك .
كۈتكىنى خەلقىمنىڭ ھەشەمەت ئەمەس،
تەس بولدى توي قىلماق دېھقانغا بەسلىك ،
چولپانلار ئۆزەڭلارنى كۆرسىتىڭلار ،
ھەشەمەت داچىدىن چۈشۇپ بېقىڭلار .
دېھقانغا بەسخوغا ئۈلگە بولۇڭلار ،
بەسلىككە خەلقىمنى تاشلاپ قويماڭلار .
چولپان بايلارغا ھېرىسمەن ياشلىق ،
قارسىغا پۇلدارنى تاللاش نادانلىق .
ئىلىم ئەخلاققا ھېرس بولمىساق،
بىزگە قالىدۇ پەقەتلا يامانلىق .
چولپان تويىنى خالاپ كەتمىگىن ،
ئېشىپ قالسا پۇل سەدىقە قىلغىن .
جاھاندا ساۋاپلىقنى كۆپ قىلغىن ،
نادانچە كىبىرنى دوراپ قالمىغىن .
كايىسام گەپ تولا بۇ ئىللەتلەرگە ،
تويدەك قىلمىدى دېھقان قىزلىرمۇ .
پۇلكەتسە رازى ياۋروپا كىيمىگە ،
كەيمىسە رازىكەن توي بۇزۇلسىمۇ .
چولپانلار ئۈگتۇپ قۇيۇڭلار بىزگە ،
ھەقىقى ئۇيغۇرچە تويلارنى بىزگە .
كەتسۇن كىبىرلىك يىراق بىريەرگە ،
ھەشەمەت ئەكەلمەس بىزنى بەخىتكە .
ئاقار يۇلتۇز بولسۇن كىبىرلىك چولپان ،
ئىبرەت ئالا بەختىنى پۇلغا باغلىغان .
تاھىر زۆھرە نامرات شاتلىق ياشىغان ،
شۇ ئۈلگىلەر بىزلەرگە مىراس قالقان .
ئارتۇق بولسا پۇلۇڭ بۇزۇپ چاچما ،
تويدىن كىيىن بۇلار پۇلسىز كۈنلەر .
تويدا بەشلەشمە چەكتىن ئاشۇرما ،
سورايدىغان كۈن بىر كۈنلەر كىلەر .
ھەرخىل ئەيىپ كەيىپلەر تىشلانسۇن ،
سورۇنلار شاراپسىز تۈزىدە ئۆتسۇن .
بۇنىڭغا چولپانلار ئۈلگە باش بولسۇن ،
پۇل ساۋاپ ئۈچۇن تەۋرىنىپ باقسۇن .
| 141 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-16 18:57:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|