سەندەدۇر

         سەندەدۇر

ئۇيقۇ يوقتۇر كۆزلىرىمدە ھەركەچ خىيالىم سەندەدۇر
ئۆرتىنەر قەلبىممۇ تاڭدا ئەسھۇيادىم سەندەدۇر
گەر دەقىقە ئۇنتالمىدىم  ئەسلىدىم ھەر چاغ سېنى
تاڭدا تەلمۇرگەن كۆزۇممۇ خۇپتەنگۇچە بىر سەندەدۇر

ئىنتىزار باقتىم يولۇڭغا سۇلغۇن ئۆمۇتلەرگە تولۇپ
سەنمۇ يا بىر كەلمىدىڭ ئېچلىپ گۇلدەك بولۇپ
ئۆرتىنەر قەلبىم مىنىڭ تاڭ سەھەر ئەسلەپ سېنى
سەھەر كەتكەن شۇ خىيالىم تاكى شامدا سەندەدۇر

ئاھ بىلەن ئالغان نەپەستە يادلىنار نامىڭ ئەبەت
كىچە كۆرگەن چۇشۇمدىمۇ ئۆزگە يوق بىر سەن پەقەت
مەن سىنى ئۇزدۇم لىكىن پۇرالمىدىم دىل قانغۇچە
باشقا پۇراق ھىساپ ئەمەس گۇل خۇمارىم سەندەدۇر

مەن كۇتەرمەن سىنى بۇندا تەشنا بېقىپ يولۇڭغا مەن
سەن كىلەرسەن بىر كۈنى شۇنداق خىيال ئۆمۇتتە مەن
كەلمىسەڭ جىسمىمدىن ئاھ ئايرىلىپ روھىم ئۆلەر
تەن تېىرىك  موردا بولۇپ رۇھىم ھامان قەبرەدىدۇر




مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589



     


     





61 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇ سەمى مەمتىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-6 22:15:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ