تەشنالىق - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

 تەشنالىق

ئېلىجان ئابدۇكېرەم ( بارچۇق ئوغلى )

ئىنتىزار باقتىم جامالىڭىزغا،
گۈللەپ ياشنىغان باھارىڭىزغا.
قەلبىم رىشتىسى تەلپۈنەر سىزگە،
ھېچ ئېرىشەلمەي جاۋابىڭىزغا.

تەلمۈردىم تاڭدا كەچتە ئايدىڭدا،
يېتەرمەنمۇ دەپ ۋىسالىڭىزغا.
ئۆتتى كۈنلىرىم ھىجران ئىلكىدە،
قانالماي يۈرەك دىدارىڭىزغا.

قەلبىمدە يانار ئارزۇ تىلەگىم،
سىز ئۈچۈن سوقار ئوتلۇق يۈرەكىم.
تەشنالىق بىلەن كۈتەرمەن سىزنى،
خار قىلماڭ مېنى بولۇر كېرەكىم.

ناخشا تېكىستى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈندىدار  2318334127
     





34 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-10 10:06:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ