سالام 2017 (نەسىر)
مەردان ياقۇپ
مانا شۇدەم يىرتىلىش ئالدىدا تۇرغان كالىندارنىڭ بىر ۋارىقىنى قولۇمغا ئېلىپ ئۆتكەن كۈنلىرىمگە نەزەر تاشلىدىم ، ھەمدە كۆزمنى يۇمۇپ ئۇزۇنغىچە ئاخىرى يوق خىياللار قوينىغا ئەسىر بولدۇم ، يىرتىلىش ئالدىدىكى بۇ كالىندار ۋارىقى مىنىڭ ئاچچىق كۈلكەمنى كۆرۈپ ، بۇ كۈلكەمنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئىكەنلىكىنى سورىدى ،مەن بىرئاز ئېغىر تىنىۋالغاندىن كېيىن كالىندار ۋارىقىغا قاراپ تۇرۇپ سۆزۈمنى باشلىدىم ،
بۈگۈن خوشالنارلىق كۈن ئەمما مىنى خۇشال قىلالىشى ناتايىن ، ئاڭلا يىرتىلىش ئالدىدىكى كالىندار ۋارىقى ئاتا -ئانامنىڭ چاچلىرىغا ئاق سانجىغان يىللارنىڭ بىر سەن ، ئاتا ئانامنىڭ يۈزلىرىدىكى قوللىرىدىكى ھەتتاكى پىشانىسىدىكى قورۇقلار ئارىسىغا يەنە بىرتال قوروق سىزىقچىسىنى سىزىغان يىللارنىڭ بىرى سەن ، دادامنىڭ تاغدەك قامىتىنى ئىگىش ئۈچۈن تىركەشكەن يىللارنىڭ بىرى سەن ، ياشلىق باھارىمنىڭ بىر ياپرىقىنى غازاڭ كەبى يەرگە چۈشۈركەن يىللارنىڭ بىرى سەن ، مىنى ئۆلۈمگە بىرقەدەم يىقىنلاشتۇرغان يىللارنىڭ بىرى سەن ، مىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى ئۆز قوينۇڭغا ئېلىپ كۆزلۈرۈمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلىرىمنىڭ ئېقىشىغا سەۋەپ بولغان يىللارنىڭ بىرى سەن ، ماڭا ئاز بولمىغان مەغلوبىيەتلەرنىڭ ئاچچىق تەمىنى تىتىغۇزغان يىللارنىڭ بىرى سەن ، مىنى ئەڭ يىقىن دوست، بۇرادەر ،قېرىداشلىرىمدىن ۋاقىتلىق ھەم ۋاقىتسىز ئايرىغان يىللارنىڭمۇ بىرى سەن ،مىنى ئاچچىق كۈلۈشكە مەجبۇر قىلغان يىلمۇ سەن ..........
خەيىر مەن ساڭا ئەمەس سەن ماڭا خوش دىگىن مەن سەندىن ئالغان ئېبرەتلىرىمنى يىڭى يىلدىكى قالتىس قەدەملىرىم ئۈچۈن دەسمايە قىلاي ،
ئەمىليەتتە سىنى مەن ئۇزاتمىدىم ، مىنىڭ بوينۇمغا 2017دەپ يىزىلغان نامسىز مىدالدىن بىرنى ئېسىپ توختىماي كۈرەش قىلشقا چاقىردىڭ ، بىلمىدىم بۇ سىرلىق يىل يەنە قانداق خوشاللىق ۋە قايغۇلارنى ئېلىپ كېلىدىكىن ،ئەمما ياشاش ئۈچۈن تىرىشىشتىن توختاپ قالغىنىم يوق ،سەن ئۇتتۇردۇڭ بىلەمسەن مىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىم سىنى يەڭگەنلىكىمنىڭ نەتىجىسى، ئاچچىق ئەسلىمىلىرىمگە ئۆتمۈش دىگەن نامنى بېرىپ ساڭا كۈلۈپ باقماقچىمەن يىڭى يىل ،
خاتىرەمدىن ...........
مەردان ياقۇپ (غولجا )
2017/1/1新大
325 قېتىم كۆرۈلدى | mardan118 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-31 21:30:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-4 17:21:59 | dilnigar |
yigi yilda yigiqa natijilani yaritixigzga tilakdaxman |
2017-1-4 16:00:18 | majuda |
bak yahxi yizeliptu |
2017-1-4 15:26:24 | elminur |
mardan tihimu terexkin |
2017-1-4 15:22:14 | aleya |
maz mu ne bak yahxe yezelep tu aptur neg kalam ku qe bak yahxe kan easer |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|