سۇلغۇن يۈرەك
رەيھانگۈل مەمەت
غازاڭلار ،تۈكۈلگەن چاغدا ....مەن دەرەخلەردىن ئىنتايىن بىزار بولۇپ كىتەتتىم . چۈنكى بۇ تۈكۈلگەن غازاڭلار مىنىڭ بىھۇدە ئۈتۈپ كىتۋاتقان ياشلىق گۈلۈمگە ئوخشايتى .مەن تۇنجى قىتىم بەدىنىمنى ئىستالمايۋاتقان قۇياش نۇرىغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم .كۈز شامىلى يۈزۈمنى ئاستا سىيپاپ ئۈتۈپ ،سارغىيىپ چۈشكەن يۇپۇرماقلانى ئۇچۇرۇشقا باشلىدى .ئۇلار خۇددى قايتا ھاياتلىقتا ئىرشككەندەك ئىركىن پەرۋاز قىلاتتى .ساپسېرىق يۇپۇرماقلار ئالتۇندەك پارقىراپ ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۇرەتتى ،مەنمۇ ھەم بىھۇدە ئۈتۈپ كىتۋاتقان ياشلىقىمغا ئۇزۇن -ئۇزۇن ھەسرەتلىنەتتم . ئاشۇ قەلبىمنى قۇرتتەك غاجىلايدىغان ئازابلىق مۇھەببەتنىڭ خۇددى ئويغانساملا غايىپ بۇلدىغان چۈشلىرىمدەك بىردەمدىلا يۇقىلىپ كىتىشنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلاتتىم . خۇددى بىر ئوت ،كۈيۋاتقان بىر ئوت مىنى چىرمىۋىلىپ يالماپ يۈتىۋاتقاندەك ھۇجۇدۇمنى قىيما-چىيما قىلۋاتقاندەك ئىچ-ئىچىدىن ئازابلىنىپ كىتەتتىم . مىنىڭ ئۇنىڭسىز تىخىمۇ ئىسل ياشاشقا ھەقىقىم بار دىدىم بىر كۈنى ئۆز-ئۆزەمگە؛ بىر ۋاپاسىزنى دەپ ياشلىق گۈلىلىرنى نابۇت قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ .ۋاقىتنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان خاسىيىتى بار .ياشلىق دەۋرىمىز بىلىم بىغىنى كىزۋاتقان كىپىنەك بۇلىشى كېرەك ئەلۋەتتە؛ ئادەم ئەمىلىيەتتە يۈركىدىكى ئازابلىرنى ساختا كۈلكىللرى بىلەن نىقاپلاشقا مەجبۇر . ئالدىنىش ھسياتىدىن مەڭگۈلۈك تەسەللى ئىزدەش خۇددى چوچەكلەردىكى نەچچە مىڭ يىل ئۇخلاپ ،جاھاننڭ يەنە بىر چېتىدىكى ئاقكۆڭۈل شاھزادە كىلىپ پىشانىسىگە سۆيگەندىلا ئويغىندىغان ئارزۇلۇق گۈزەل شاھ مەلىكىلىرىنىڭ شىرىن چۈشى خالاس ........
512 قېتىم كۆرۈلدى | رەيھانگۈل مەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 17:02:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-3 19:23:56 | رەيھانگۈل مەمەت مىسكىن |
ياقتۇرۇپ قۇللاۋاتقان قىرىنداشلارغا تەشەككۇر ، خىزمەت ، ئۈگىنىش ، ھەرخىل ئىمتىھان سەۋەپلىك يىڭى لىرىكلىللىرىمنى يوللاپ بۇلالمىدىم، ئەمما مىنىڭ لىرىكىللىرىم ئۈزىلىپ قالمايدۇ ، داۋاملىق تىرىشىمەن |
2017-3-3 18:41:45 | metro |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز ، ھارماي يېزىڭ |
2017-3-3 18:35:07 | abdikayum . |
tur dexem .. kullir giz ga dat bar misun ... 💪 |
2016-4-25 8:01:43 | ئادىلە |
ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|