ئاتا
مۇتەللىپ شەرۇل
تۈپتۈز قەددىڭ ئىگىلدى يادەك،
كىرىپ قاپسەن يەتمىشكە مانا.
كۈنلىرىڭگە تىلەيمەن شاتلىق،
ئۇزۇن ئۇمۇرئۇمۇر يار بولسۇن ساڭا.
سالام دەيدۇ تاڭدىكىى چولپان،
سالام دەيدۇ خۈش چىراي قۇياش.
نامىڭ ئۇلۇغ دېھقانسەن ئاتا،
ھەر مۇشكۇلگە ئەگمەيدىغان باش.
ئەجىر تولغان تارىخ شاھىدى،
يۈزۇڭدىكى تال تال قورۇقلار.
يازسا يازسا تۇگىمەس داستان،
ئېھتىمال سەن قالدۇرغان ئىزلار.
قولوڭدا ئىش بىلىڭدە زاغرا ،
پۇتۇڭ قاداق قولۇڭدا تىكەن.
بىر نان تاپساڭ بالىلىرىم دەپ،
ئۈزەڭ يىمەي يىگىنىڭ غەمكەن.
بەركەت ياركەن تىنماس يولۇڭغا،
گۈللەر ئۈنەر ماڭغان ئىزىڭدا .
ئۇزاپ كەتتى جاپالىرىڭمۇ،
دەيدۇ ئوغلۇڭ خاتىرجەم ياشا .
173 قېتىم كۆرۈلدى | مۇتەللىپ شەرۇل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-26 20:44:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|