مەن بىر ئايالمەن
ئاتىكەم ئەيسا (ئۈمىد)
مەن بىر ئايالمەن،
دوسىتقا دوستچە قول بىرىدىغان.
گەر كولىسا رەقىپلەر ئورا،
كۈلۇپ قۇيۇپ كىتەلەيدىغان.
مەن بىر ئايالمەن،
يۈرۇگۈمگە مىھىرلەر تولغان ،
يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن،
دادىل جاۋاپ بىرەلەيدىغان.
مەن بىر ئايالمەن ،
ئىشەنىچكە يار بۇلۇپ ماڭغان،
گەرسوقسىمۇ جۇت شىۋىرغانلار،
ئۈمىد بىلەن ماڭالايدىغان.
مەن بىر ئايالمەن،
ھوجۇدۇمدا گۈلخانلار يانغان،
ھايا نۇمۇس ،غۇرۇرۇم ئۈچۈن،
ئەزىزجاندىن كىچەلەيدىغان.
مەن بىر ئايالمەن،
قەلبىمدە كۆپ ئارزۇۋە ئارمان،
تەقدىر شۇنچە بولسىمۇ گەركاج،
كۈلۈپ تۇرۇپ يۇزلىنىدىغان.
مەن بىر ئايالمەن،
ئاجىز بەندە بۇلۇپ يارالغان،
ئەمما بالام ،ئائىلەم ئۈچۈن،
تاغ داۋاندىن ئاشالايدىغان،
ھەتتا كەلسە ئېغىر مۇشكۈللەر ،
ئوت دىڭىزغا كىرەلەيدىغان.
42 قېتىم كۆرۈلدى | ئاتىكەم ئەيسا (ئۈمىد) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-14 11:17:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|