نىمەدەپ بارارمىز باقى ئالەمگە
نۇرتاي ئابدۇرېھىم
يۈرۈكۈم سوقۇدۇ ھەر كۈنى ئەنسىز،
دۇنياغا ئالدىنىپ ياشاشتىن غەمسىز،
ئۆلۈمنىڭ كەلـمىكى ئىكەن قەرەرسىز،
نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
ئەمەلسىز يۈرىمىز گۇناھقا پىتىپ،
مال ساتساق نەپ ئالدۇق يالغاننى قىتىپ،
قىز-ئوغۇل نىكاھسىز ياتاقتا يىتىپ،
نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
پىتىشماي ئۆز ئارا غاجىشىپ يۈردۇق،
دوسىت دۈشمەن ئايرىماي ئادىشىپ يۈردۇق،
بۇرۇنغا سۇ كىرمەي يەتمىشنى كۆردۇق،
نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
ئۇنۇتتۇق ئايرىشنى ھالال-ھارامنى،
ئۇچىراشساق قىلـمىدۇق گۈزەل سالامنى،
كۆزگىمۇ ئىلـمىدۇق ياقشى ياماننى،
نمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
يەتمىش ياش موماينىڭ چىچى بۈدۈرە،
سەكسەن ياش بۇۋايلار ئىشىرەتتە يۈرە.
ئەر ئايال ئىچىشىپ قاقاقشىپ كۈلە،
نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
ھالسىراپ قېرىدۇق بىر ئايەت ئۇقماي،
مۇسۇلـمان ئاتالدۇق خۇدادىن قورۇقماي،
رەنجىتتۇق ھەركىمنى ئەخلاقىلىق بولـماي،
نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
يول تاپماي ھاياتقا ئۆتمۈشتىن قاقشاپ،
تىرىشماي ئوڭ يىتىپ تۇرمۇشتىن قاقشاپ.
ئۆزەڭنى خار قىلىپ ئۆزگۈدىن قاقشاپ.
نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
قەرىزلەر ئاداسىز تۇرسا گەدەندە.
ئەمەلسىز جەننەتكە كىرەمسە بەندە،
كىم بىزنى قۇتقۇزار بۇنداق ئۆلگەندە.
نىمە دەپ بارارمىز باقى ئالەمگە.
2016-3-7
296 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرتاي ئابدۇرېھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-21 15:31:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-31 15:12:35 | ATAXI |
piqat yizip siz |
2016-3-28 13:03:41 | خالىد |
بەك ياخشى چىقىپتۇ رەھمەت قىلسۇن ئاللاھىم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|